تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې بىلەن جۇڭگو - جىبۇتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 8- كۈنى جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - جىبۇتى مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە مۇھىم، زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2017- يىلى 11- ئايدا، سىز جۇڭگوغا كېلىپ، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز جۇڭگو بىلەن جىبۇتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدۇق. بۇلتۇر 9- ئايدا، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، بىز جۇڭگو - جىبۇتى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدۇق. مەن جۇڭگو - جىبۇتى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - جىبۇتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  گېللې تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1979- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى جىبۇتى بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە ئاساس سېلىنغان پەيت، مەن 40 يىلدىن بۇيانقى جىبۇتى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىياتىدىن رازى ھەم ئىپتىخارلىنىمەن. 2017- يىلى 11- ئايدا، بىزنىڭ جىبۇتى- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى، دەپ بېكىتىشنى ئورتاق قارار قىلىشىمىز ئىككى تەرەپنىڭ جىبۇتى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جىبۇتى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بەرگەن ياردىمى ۋە قوللىشىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا داۋاملىق قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. مەن سىز بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جىبۇتى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.