تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئورتاق ھالدا باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن

  ماناس ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئوزات تۇسىپبېك

  مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، مەن كوممۇنىزمغا ئېتىقاد قىلىمەن، خوتۇنۇم ھازىر «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ئىككى بالام يەسلى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى ئېلىۋاتىدۇ، بىز ئىزچىل ھالدا ئۇلۇغ پارتىيەنى ۋە ئۇلۇغ ۋەتەننى ئىنتايىن قىزغىن سۆيۈپ كەلدۇق. مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: مەن مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، مەڭگۈ پارتىيەگە سادىق بولىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن، باشلامچىلىق بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن.

  تىرىشىپ مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتنى دەستەك قىلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بىر ئېقىندا بۇلغاندى، ئۇلار پارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى يوقاتتى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئۇنتۇدى، ئۇلار پارتىيە ئىشلىرىغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن زور بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە. مەن مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىمەن، ھەرگىز مۈجمەل بولمايمەن.

  تىرىشىپ پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن. مەن باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا، باتۇرلۇق بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر ئېتىقادى مۇستەھكەم زېرەك ئادەم، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك سەمىمىي ئادەم، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك ئادەم بولىمەن. باشلامچىلىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى قەتئىي زىممەمگە ئېلىپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە گەپ - سۆزلىرىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن، خاتىرجەملىك، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن.

  تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، مەن تۆت تۇغقىنىم بىلەن تونۇشتۇم، بىز ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتتۇق. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۈلگىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خاتا سۆز- ھەرىكەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن توسۇپ، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن.

  تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن. مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىنى قوزغاپ، باشتىن- ئاخىر ئاممىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى ئۆزۈمنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، ئاممىنى رازى قىلىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، ھەر بىر سۆز - ھەرىكىتىمدە ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئورتاق ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى