تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىمەن

  شايار ناھىيەسى قايلۇر بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئەكبەر ئىمىن

  پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەشكىلنىڭ يېتىشتۈرۈشى بولمىسا، بۈگۈنكى كۈنۈمنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىپ يەتتىم.

  مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، مۇقىملىق ھەممىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا، مۇقىملىق بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغاندىلا، ھەر مىللەت ئامما ئاندىن بەختلىك، خاتىرجەم بولىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار ئاندىن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدۇ. بىز چوقۇم «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» پەيدا قىلغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، بىز پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوقۇم دادىل ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۆسۈپ كەتكەن ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي تارمار قىلىشىمىز كېرەك. بىز باشتىن - ئاخىر سەگەك كاللا، كۈلپەت ئېڭى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش، قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەيمەن. «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەر ۋاقىت مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پوزىتسىيەدە كەسكىن بولۇپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملەيمەن. كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، پارتىيە رەھبەرلىكى بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. بىز چوقۇم چىن قەلبىمىزدىن ئۇلۇغ پارتىيەمىزگە رەھمەت ئېيتىشىمىز، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە رەھمەت ئېيتىشىمىز، غايە - ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. بىز «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىتى ۋە قانۇن - نىزاملارنى تەشۋىق قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، داغدۇغىلىق ھالدا، مەردانىلىك بىلەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى سۆزلەپ، قانۇن بىلىملىرىنى سۆزلەپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئاۋازىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

  مەن باشتىن - ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، مۇستەھكەم ئېتىقادىم، ھەققانىيەت سادايىم، قەتئىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى