تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

  ـــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

  شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىققەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 2018- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2019- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، مەسىلىلەرگە توغرا قارىلىپ، پۇرسەت تۇتۇلۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى سىستېمىلىق پىلانلاندى ۋە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ھەم مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چوقۇم قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، بىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ 2018- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي يەكۈنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، باش شۇجىنىڭ پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم تەجرىبىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، باش شۇجىنىڭ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، باش شۇجىنىڭ 2019- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى سىياسەت يۆنىلىشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، باش شۇجىنىڭ 2019- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  2018- يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى: ئىجتىمائىي ئومۇملۇق ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، سۈپەت- ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ياخشى باشلاندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن بولۇپ، 2019- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىشەنچ ۋە غەيرەت بولدى.

  نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، مەسىلە بىلەن پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا خەۋپ- خەتەر ۋە قىيىنچىلىق كۆپەيدى. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە مۇھىم، زور پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز: مەركەزنىڭ ئەھمىيەت بېرىش پۇرسىتى، سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پۇرسىتى، مۇقىملىق پايدىسى پۇرسىتى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش پۇرسىتى. بىز يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى توغرا ئىگىلەپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، خىزمەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەم كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ۋە پەرققە توغرا قاراپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جاپالىق ئىشلىشىمىز، ئەمەلىي ئىشلىشىمىز كېرەك؛ ھەم پۇرسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، چېۋەرلىك بىلەن ئىشلەپ، ئىشلەشنى بىلىپ، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • چاتما ئوق پويىز بىلەن چاغانلىق يولۇچى توشۇشنى كۈتۈۋېلىش
  • ئۈرۈمچى تۇنجى نۆۋەتلىك قار شادلىقى بايرىمى خەلق باغچىسىدا باشلاندى
  • ئاسىيا قىتئەلەر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز كوماندىسى سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى