تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى 1-شۇجىلار

  مۇخبىرىمىز چېن چېن

  2018- يىلى، «نامراتلارنى يۆلەشنى تۇتقانلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتقانلىق، نامراتلارنى يۆلەشنى تۇتقانلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، نامراتلارنى يۆلەشنى تۇتقانلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تۇتقانلىق» دېگەن پىكىر يولىغا ئاساسەن، لوپ ناھىيەسىگە ئاپتونوم رايوندىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن 90 نەپەر 1- شۇجى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن 31 نەپەر 1- شۇجى ۋە بۇ ناھىيەدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن 67 نەپەر 1- شۇجى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ئۆز كارامىتىنى جارى قىلدۇرغاچقا، نامرات كەنتلەر بىر- بىرلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا ماڭدى.

  2019- يىلى يېڭى يىلدىن كېيىن، مۇخبىر لوپ ناھىيەسىگە بېرىپ 1- شۇجىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى زىيارەت قىلغاندا، لوپ ناھىيەلىك پارتكوم ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما چاڭمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1- شۇجىلار جەمئىي 270 مىليون يۈەن مەبلەغ ماسلاشتۇردى، 207 بېيىش تۈرى كىرگۈزدى، كوللېكتىپ ئىگىلىكتىكى «پۇچەك كەنت»تىن 11نى ئازايتتى، 229 ئۇل ئەسلىھە تۈرىنى يولغا قويدى، نامرات كەنتلەرنىڭ 17 كىلومېتىر يولنى قاتتىقلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى، 850 مەيدان/قېتىم تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويدى...

  «ئەمەلىي ئىش قىلغۇچى <كىچىك يىگىت>»

  «يەرنى ئوبوروت قىلىپ ئەمگەك كۈچى ئاجراتتۇق، ئوغلۇم سىرتتا ئىشلەيدۇ، كېلىنىم كەنتتىكى كارخانىدا ئىشلەيدۇ، ئۇلار ئىككىسى ھەر ئايدا 4000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ». 1- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى بوستان كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە غوجىئابدۇللا جامال كۈلۈپ تۇرۇپ: بۇلارنىڭ ھەممىسى كەنتنىڭ 1- شۇجىسى لياڭ خۇەن ئائىلىمىزگە ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، دېدى.

  بۇلتۇر لوپ ناھىيەلىك پارتكوم مەخسۇس ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لياڭ خۇەن بۇ كەنتكە كېلىپ 1- شۇجى بولدى، غوجىئابدۇللا ئىلگىرى: 30 ياشقا كىرگەن بۇ «كىچىك يىگىت» كەنتتە نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ دەپ گۇمانلانغانىدى. نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، غوجىئابدۇللانىڭ گۇمانى ماختاشقا ئايلىنىپ: ئەسلىدە بۇ «كىچىك يىگىت» ئەمەلىي ئىش قىلغۇچىكەن، دېدى.

  بوستان كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 205 نامرات ئائىلە، 843 ئاھالە بار. لياڭ خۇەننىڭ بۇلتۇر باش باھاردا باسقان نامراتلارنى يۆلەشتىكى تۇنجى قەدىمى يەرنى چوڭ بىرىكتۈرۈش، چوڭ ئوبوروت قىلىش بولدى. «يەرنى قانداق بىرىكتۈرۈش، ئوبوروت قىلىشتا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېگىنى ھېساب!» ئۇنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىشى بىلەن، كەنتتىكى بەش تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى شۇ كەنتتىكى پارچە، تارقاق، تىجارەت كۆلەم ئۈنۈمى تۆۋەن، ئەمگەك كۈچى يوق ئائىلىلەرنىڭ يەرلىرىدىن 900 مونى بىرىكتۈرۈپ ھۆددە ئالدى.

  ئارقىدىنلا، لياڭ خۇەن يەنە 50 نەچچە ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلدى.

  كەنت ئاھالىسى بەكرى سىدىقۇللا باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى. «لياڭ شۇجى مېنىڭ باشلامچىلىق قىلىپ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشۇمنى ئېيتتى، مەن ئورۇن، مەبلەغ، خەۋپ- خەتەر قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشقاندىن كېيىن، ماقۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلالمىدىم». بەكرى مۇنداق دېدى: «ئۇ مەن بىلەن يۈزتۇرا سۆزلىشىپ، چىن قەلبىدىن دەۋەت قىلىپ، ماڭا سىياسەت، پايدا، خەۋپ- خەتەردىن قانداق ساقلىنىش قاتارلىقلارنى سۆزلەپ، ئەندىشەمنى تۈگەتتى.» 2018- يىلى 3- ئايدا رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 500 مىڭ يۈەن بولغان رۇڭفۇ دېھقانلار باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، ئالتە نامرات ئائىلە 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئېلىپ پاي قوشۇپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولدى، ھەربىر ئائىلىگە يىلىغا 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە نامرات ئائىلىلەردىكى 20 ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئۇلار ئايدا 1300 يۈەندىن ئىش ھەققى ئالالايدۇ.

  ئۇزاق ئۆتمەي، لياڭ خۇەن يەنە ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا باشلىدى. لياڭ خۇەننىڭ ھەر تەرەپلىمە تىرىشىشى بىلەن لوپ ناھىيەلىك بوستان كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتى ناھايىتى تېزلا قۇرۇلدى. شىركەتكە شۇ كەنتتىكى قابىل ئايال زۆھرەگۈل سىراجىئەخمەت باشلامچى بولۇپ، 40 ئايالنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى، ھەربىر كىشىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق ئىش ھەققى 1400 يۈەنگە يەتتى.

  ھەر كۈنى ئاياللار ئىنتايىن خۇشال ھالدا زاۋۇتقا ئىشلەشكە بارىدۇ. زاكاس بارغانسېرى كۆپەيدى، يانچۇقمۇ بارغانسېرى تومپايدى، ئاياللارنىڭ ئىشلەش غەيرىتىمۇ بارغانسېرى ئاشتى.

  «كىچىك لاپاس» كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

  لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى باش كونزىيا كەنتىدە، كەنتنىڭ 1- شۇجىسى لۈ جيارۇڭ تىلغا ئېلىنسىلا، كەنت ئاھالىسى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ.

  باش كونزىيا كەنتى ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 100 نامرات ئائىلە، 404 ئاھالە بار.

  ھازىر قەھرىتان سوغۇق بولسىمۇ، بىراق ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھويلىسىدىكى كىچىك لاپاستا كەنت ئاھالىسىنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 1- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتە، لاپاستا ئىشلەۋاتقان نامرات ئاھالە تۇرسۇننىيازخان ئابلىز مۇنداق دېدى: «كىچىك لاپاس» ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ تەمىنى تېتىدۇق، ئۈمىدنى كۆردۇق، غەيرەت ۋە ئىشەنچكە تولدۇق.

  ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2018- يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ، لۈ جيارۇڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ نامرات ئائىلىلەرگە كىرىپ، ھويلىسى تاشلىنىپ قالغان 66 نامرات ئائىلىنىڭ «كىچىك لاپاس» سېلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆكتات تېرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق سىياسىتى بويىچە يۆلىدى ۋە تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلدى.

  كەنت ئاھالىسى تۆمۈرخان ئىمىن كەنتتىكى نامرات ئاھالە، ئائىلىسىدىكى تۆت نوپۇسنىڭ ئالتە مو يېرىدىن باشقا كىرىم مەنبەسى يوق ئىدى. بۇلتۇر يىل بېشىدا، لۈ جيارۇڭ ئۇنىڭ ھويلىسىدا «كىچىك لاپاس» سېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇۋبەيسەي، سۈەنمياۋ ئۆستۈردى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى كۆكتاتلارغا ئېغىز تېگىپلا قالماي، بۇ لاپاس يەنە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى بىر يىلدا 2000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇردى.

  «كىچىك لاپاس»تىن باشقا، لۈي جيارۇڭ يەنە تۆمۈرخاننىڭ 50 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پىلانى تۈزۈپ بەردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، تۆمۈرخان بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىپ، بەش تۇياق نەسىللىك كالا سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: لۈي شۇجى مېنىڭ لاپاس، قوتان، كاتەك سېلىشىمغا ياردەم بەردى، ئۇ بىزگە مۇشۇنداق كۆڭۈل قويۇپ ياردەم بەرگەن يەردە، بىز ئەمدى ھۇرۇنلۇق قىلساق بولمايدۇ. مەن يەڭنى تۈرۈپ، غەيرەتكە كېلىپ، تېزدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىيمەن.

  كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەنلىكتىن، 2018- يىلى باش كونزىيا كەنتى لوپ ناھىيەلىك پارتكوم تەرىپىدىن پۈتۈن ناھىيە بويىچە 2018- يىللىق خاس كەسىپلەر ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ئىلغار كەنت بولۇپ باھالاندى.

  «قۇرۇق گەپ قىلغاندىن، ئەمەلىي ئىشلىگەن ياخشى»

  2018- يىلى 1- ئاينىڭ 31- كۈنى، شىنجاڭ دۆلەت مۈلكى مەبلەغچىلىك تىجارىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پىلان - مالىيە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ياڭ جيې ھاڭگىيا بازىرىنىڭ خوراز توغراق كەنتىگە كېلىپ 1- شۇجى بولدى. بۇ كەنتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 246 نامرات ئائىلە، 863 ئاھالە بار، ياڭ جيې بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ بەكرەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  بۇلتۇر يىل بېشىدىكى بىر قېتىملىق كەنت ئاھالىلەر يىغىنىدا، ياڭ جيې يەرنى كۆجۈملەشتۈرۈپ تېرىش ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، خاس باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يىغىندا كۆپچىلىك چاۋاك چېلىشقان بولسىمۇ، بىراق يىغىندىن كېيىن ھېچكىم ھەرىكەتكە كەلمىدى.

  نەچچە كېچە ئۇخلىماي ئويلىنىش ئارقىلىق، ياڭ جيې نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، 2018- يىلى ئالدى بىلەن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، كەنت ئاممىسىغا ئۈلگە كۆرسىتىشنى قارار قىلدى.

  ئىشلەيمەن دەپلا ئىشلەش. ياڭ جيې سۇ - تۇپراق بايلىقى ۋە ئاممىۋى ئاساسى ياخشى بولغان ئالتىنچى مەھەللىدىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، 100 موغا يېقىن تۇتاش يەردە سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىدىغان سەۋزە تېرىقچىلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىشنى پىلانلىدى. ئەسلىھە، ماشىنا سېلىنمىسىنى شىنجاڭ دۆلەت مۈلكى مەبلەغچىلىك تىجارىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈستىگە ئالدى، پايدىسى دېھقانلارغا بولدى.

  قارا توخۇ ۋە ياۋا بېلىق خاس باقمىچىلىقى جەھەتتە، ياڭ جيې نامرات ئاھالە ئەمەرنىياز تۇرسۇننىياز بىلەن تۇرنىسا تۇرسۇننىياز ئاكا- سىڭىل ئىككىيلەننى تېپىپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تۈركۈمدە 3000 قارا توخۇ، 100 مىڭ ئوتخور بېلىق بېلىجىنى بېقىش، ئاكا- سىڭىل ئىككىيلەن پەقەت بېقىشقىلا مەسئۇل بولۇش، خىزمەت ئەترىتى سېتىشقا مەسئۇل بولۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

  بىر ياز جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق، ھوسۇل ئالىدىغان كۈز پەسلى يېتىپ كەلدى، سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىدىغان سەۋزىدىن مو بېشىغا 1000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىندى، قارا توخۇنى كەنت ئاھالىلىرى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان باھادا ساتتى، ئوتخور بېلىقى بىر سانتىمېتىرغا يەتمىگەن بېلىجاندىن يوغىناپ، 10 سانتىمېتىردىن ئاشتى، ئەي بولۇش نىسبىتى %80تىن ئاشتى.

  ياڭ جيې تولۇق ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: قۇرۇق گەپ قىلغاندىن، ئەمەلىي ئىشلىگەن ياخشى. تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، كەنت ئاھالىلىرى بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولدى. ھازىر نامرات كەنت ئاھالىلىرى تالىشىپ تۇرۇپ قارا توخۇ بېقىپ، سۇ تېجەيدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولدى، كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش باھارى بىزگە يېقىنلاپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى