تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

12 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى

ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ھېس قىلدى، چوڭقۇر ھەمكارلىقنى ئۈمىد قىلدى

جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى (2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، ئافغانىستان، تايلاند، كۇۋەيتتىن ئىبارەت 12 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ئەلچىلەر ۋەكىللىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى.

  ئەلچىلەر بازار ئايلىنىپ، مەسچىتلەرگە كىرىپ، قەدىمىي شەھەرنى كۆرۈپ، دېھقانلار ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن ئۆزئارا پاراڭلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئىقتىساد-سودا، ساياھەت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ ساھەدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىي كۈچى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى»

  ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، ئەلچىلەر شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كوچا رايونىغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى ئىپادىلىدى. ئەنئەنىۋى ئەتلەس بىلەن زامانىۋى لايىھەلەش ئىدىيەسى بىرلەشتۈرۈلگەن كىيىم-كېچەكلەر، پىلە مەشۇتى، ساپ قوي يۇڭىدىن توقۇلغان گىلەملەر، ساياھەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە خۇشال-خۇرام ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

  پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى مۇمتاز زاھرا بالوچ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭدا بازار ئايلىنىش، مەززىلىك تائاملارنى يېيىش، دوستلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، مول مەدەنىيەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ھېس قىلدىم، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىي كۈچى ۋە خەلقنىڭ قىزغىنلىقى، مېھماندوستلۇقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى».

  مۇمتاز زاھرا بالوچ يەنە بىر «ئالاھىدە» سودىگەر——زىبۇ-زىننەت دۇكىنى ئاچىدىغان پاكىستانلىق سودىگەر ئاسىمنى زىيارەت قىلدى. ئىككىيلەن كۆرۈشۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۆزئارا ئەھۋاللىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئاسىم مۇمتاز زاھرا بالوچقا يېقىنقى ئىككى يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكى، سودىسىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتتى. «مەن ئۈرۈمچىدە مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، ئۇيغۇر خوتۇن ئالدىم، بالىمىز بار، تۇرمۇشۇم ناھايىتى بەختلىك!» دېدى ئاسىم.

  2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر شەھىرىدە قار ئۇچقۇنداۋاتاتتى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى قاردا باشقىچە يېقىملىق كۆرۈنەتتى. ئەلچىلەر ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە ياغاچ بۇيۇم، چالغۇ ۋە گىلەم دۇكانلىرىنى ئايلاندى. ساياھەت زىيارەت نۇقتىسى «گۈلىنىڭ ئۆيى»دە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇنلىنىۋاتاتتى، دۇكان خوجايىنى سالامەتگۈل قارى قىزغىنلىق بىلەن ئەلچىلەرنى چاي ئىچىشكە، ناخشا-ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىشقا تەكلىپ قىلدى.

  «بۇ يەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن موللۇقىنى، ئىمارەتلىرىنىڭمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ناھايىتى ياخشى قوغدىلىپتۇ» دېدى تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلىيا جىنپېڭ.

  ھىندىستاننىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپى دىپايكې پادىمايكۇمار ئىلگىرى قەشقەرگە كېلىپ باققانلىقىنى، بۇ يەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ئۆزگىچە يېمەكلىكلەر كىشىنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدۇ» دېدى ئۇ.

  «دىنىي پائالىيەتلەر دۆلەتنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىپتۇ»

  ئۈچ كۈن ۋاقىت ئىچىدە، چەت ئەل ئەلچىلىرى، ۋەكىللىرى شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتى ۋە خوتەن شەھىرى جامە مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى، ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، شۆيۈەن مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، ئىسلام دىنى دىنىي خادىملىرىنى مەخسۇس يېتىشتۈرىدىغان ئالىي بىلىم يۇرتى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ۋە دىنىي بىلىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بەش يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىنغان، ئۇلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ھەرقايسى جايلاردىكى مەسچىتلەرگە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئۈچ يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام دىنى دىنىي خادىملىرى ئىچىدىن تاللاپ قوبۇل قىلىنغان، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.

  سىنىپتا، تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەكرەم ئابدۇرېشىت ئەلچىلەرنىڭ سوئالىغا ئەرەب تىلىدا جاۋاب بەردى، ھەمدە بىر پارە قۇرئاننى قىرائەت قىلدى. كۇۋەيتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەمىخ جوۋھار ھايات ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق دېدى: «ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي كۈچ، كۆپچىلىكنىڭ ئوقۇشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇپ، ئۆگەنگەنلىرىنى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىدا ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  ھېيتگاھ مەسچىتىگە كىرگەندە، ئەلچىلەر بۇ قەدىمىي مەسچىت ئىچىگە ئىچىدىغان سۇ، پار، خەۋەرلىشىش ۋە تەرەت ئېلىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سەپلىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش شارائىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى كۆردى.

  مەسچىتتىكى دىنىي خادىملارنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مالايسىيانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد خۇسەينى شاھىران مۇنداق دېدى: «داڭلىق ھېيتگاھ مەسچىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېتەرلىك سورۇنى ۋە پۇرسىتى بار ئىكەن، بۇ يەردىكى دىنىي پائالىيەتلەر باشقا دۆلەتلەردىكىگە ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىپتۇ.»

  «بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق شىنجاڭنى قايتىدىن تونۇدۇم.» مۇھەممەد خۇسەينى شاھىران مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتكە كېلىشىم، ئىلگىرى ئاساسلىقى ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىن شىنجاڭنى چۈشەنگەنىدىم، ئەمما بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى چىن، ئوبيېكتىپ ئەمەس ئىكەن، مەسىلەن: شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىگە بوھتان چاپلاپتۇ ۋە قارا سۈركەپتۇ، كۆرگەندىن كېيىن بىلدىمكى، ئىشلار ھەرگىزمۇ ئۇلار ئېيتقاندەك ئەمەسكەن.»

  «كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەسى ئىنتايىن ياخشى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىكەن»

  ئەلچىلەر قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى، سىنىپلارغا كىرىپ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مول مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى، يەنە تەنتەربىيە مەيدانىدا تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن تىكتاك توپ ئوينىدى.

  ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوۋ خاۋلى مۇنداق دېدى: كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ بىزگە بەرگەن تەسىرى ئىنتايىن ياخشى، تەربىيەلەنگۈچىلەر قانۇن ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپتۇ. «ئۇلارنىڭ ھالىتى بەكمۇ ياخشى ئىكەن، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ھەر خىل يېڭى بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئۇ.

  خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ، ئەلچىلەر بازار تىجارىتى، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش ۋە ئوبراز لايىھەلەش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، كىيىم لايىھەلەش ۋە تىكىش قاتارلىق ماھارەت ئۆگىتىش سىنىپلىرىغا كىرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەردىن ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، يەنە پىسخىك مەسلىھەت سوراش ئۆيى، داۋالاش ئۆيى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئاشخانىدا، ئەلچىلەر شۇ كۈنلۈك چۈشلۈك تاماقتا لازا توخۇ قورۇمىسى، گويۇۋرۇ، ياڭيۇ كالا گۆشى قورۇمىسى قاتارلىقلارنىڭ تەييارلانغانلىقىنى كۆردى.

  قاراقاش ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ماي بوياق رەسىم سىنىپى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن دەرسخانىلارنىڭ بىرى. ماي بوياق رەسىم ئۆگەنگىنىگە يېرىم يىلچە بولغان تەربىيەلەنگۈچى تۇردىمەمەت ئۆزى سىزغان شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرىنىڭ رەسىمىنى يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە، قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى كابازايېۋ ماناربېكقا سوۋغا قىلدى. «سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، پۇرسەت بولسا مەن يەنە سىزنى يوقلاپ كېلىمەن» دېدى كابازايېۋ ماناربېك.

  كابازايېۋ ماناربېك ئۆزىنىڭ شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەندىكى بىرقانچە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ناھايىتى مول يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يەيدىغانلىقىنى، تۈرلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتى بارلىقىنى ئېيتتى. «تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلىنىش ئارقىلىق كەسپىي ماھارەت ئىگىلەپتۇ، جەمئىيەتكە قايتقاندىن كېيىن بۇ ماھارەتلىرىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، شۇڭا، مەن يەنە بىر قېتىم شۇنداق كۆرسەتمەكچىمەنكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپتۇ» دېدى ئۇ.

  «مەن بىر قىسىم خەۋەرلەرنى كۆرگەن، نەق مەيداننى كۆرگەندىن كېيىن، تامامەن ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بۇ يەردە ئىنتايىن راھەت مۇھىت بار ئىكەن، ھەرقايسى جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى ئىكەن، تەربىيەلەنگۈچىلەر نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدىكەن.» ئافغانىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى سەيىد ھەبى براھمان مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەسى ئىنتايىن ياخشى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىكەن، يالغۇز شەخسنىڭلا ئەمەس، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  سەيىد ھەبى براھمان مۇنداق دېدى: ھەربىر دۆلەت «ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەل قىلىش» ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان پايدىلىق سىناق ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىپتۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدىكەن.

  «<بىر بەلباغ، بىر يول>غا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم»

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە، ئەلچىلەر يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، يەسلىلەر، كەنت قۇرغان زاۋۇتلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئامما بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئىگىلىدى.

  قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى يۇقارقى قاز ئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى ياسىنجان ئەلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 100 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدە تۇرىدۇ، ئۆي ئىچى چىرايلىق بېزەلگەن بولۇپ، باھاردەك ئىللىق ئىدى. كەنتتە ياغاچ بۇيۇملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، ياسىنجان بىلەن خوتۇنى ئۇ يەردە بىللە ئىشلەپتۇ، تۇرمۇشى باياشات ئىكەن.

  خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسىنىڭ گازۇن كەنتىدىكى كىيىم تىكىش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار بىر تۈركۈم زاكاز كىيىم-كېچەكلەرنى تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. كارخانا مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى يېقىن ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاھالىسى، تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئۇلار پىشقان كىيىم تىكىش ئۇستىسىغا ئايلاندى، ئايلىق مائاشى 3000 يۈەندىن ئاشتى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن سەيىد ھەبى براھمان ھەيرانلىق بىلەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەممىلا يەردە بىكار يۈرگەن كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولاتتى، بىراق ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىش، خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئىكەن، بۇ، ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال.

  قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، ئەلچىلەر باجدىن خالىي رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. بىلىيا جېنپېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، مەن «بىر بەلباغ، بىر يول»غا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى ۋە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قۇرۇلۇشىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى