تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مەكتەپ پاكىز تۇپرىقىنى قوغداپ، مائارىپ بازىسىنى چىڭ ساقلايمەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمالار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى قۇتلۇقجان ئۆمەر 

      شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئورتاق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۈچىنى قوشۇپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك تارىخىي سەھىپىلەرنى پۈتتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى كۈتۈۋالدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  ۋەتەننىڭ روناق تېپىشى ھەر بىر جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزىنى چەكسىز ئىپتىخارلاندۇردى. ھالبۇكى، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» جۇڭگونىڭ گۈللىنىشىنى، قۇدرەت تېپىشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولۇشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى. دۆلەتكە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان، ۋىجدانىنى يوقاتقان، ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ياخشى ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. غايە-ئېتىقادىنى يوقاتقان، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى يوقاتقان، ئەخلاق-پەزىلىتىنى يوقاتقان بەزى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىپ، خەلق بەرگەن ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، قارا قولىنى مەكتەپلەرگە سوزۇپ، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلىدى. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز تازىلاپ تۈگەتمىگەندە، شىنجاڭدا خاتىرجەملىك بولمايدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەسكە توختايدۇ.

  «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. ئالاھىدە مائارىپنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بىر ياش ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. باشلامچىلىق بىلەن مەكتەپ پاكىز تۇپرىقىنى قوغداپ، مائارىپ بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، قەتئىي ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمەن، تەربىيەلەيمەن.

  مەن ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈشكە ۋە ھىمايە قىلىشقا، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، ئىرادە تىكلەپ خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىمەن، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي ھالدا ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى