تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساۋەن: يېڭى يىللىق مەدەنىيەت پائالىيىتىدە قىزىقارلىق نومۇرلار ئۈزۈلمىدى

  شىنجاڭ گېزىتى تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن زېڭ جاۋمېي خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، ساۋەن ناھىيەسىدىكى ئورگانلار، ئورۇنلار، يېزا-بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە)لەر ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئېسىل بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش كۆۋرۈكى سېلىپ بەردى.

  1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ سەندوخوزا بازىرى كەيشۇەن يولى مەھەللىسى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈپ، ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى موللاشتۇردى، قوشنىلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتتى. كەيشۇەن يولى مەھەللىسى بىرلەشمە پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى پەن دوگاڭ مۇنداق دېدى: «مەيدان ئۇسسۇلى، ئېتۇت قاتارلىق ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئاھالىلەر ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلىغان، مەھەللە سۇپا قۇرۇپ، مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئالىيجاناب ئەخلاق-پەزىلەت، مەدەنىي قائىدە-يوسۇنلۇق ئىجتىمائىي كەيپىيات بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، قاراشلىق رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل ساۋەن قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز».

  شۇ كۈنى، سىداۋخۇزا بازىرى يۇفاڭجاڭزا كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، پۇقرا تەشۋىقاتچىلاردىن جى بىڭيۈەن، كەي چاڭجۈ دېكلاماتسىيە قىلغان «ۋەتىنىم، مېنىڭ ساڭا شۇنى دېگۈم بار» ناملىق شېئىر، كەنت ئاھالىلىرى ئېيتقان «كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ئومۇمىي خور ۋەتەنگە بولغان چەكسىز قىزغىن مۇھەببەتنى ئىپادىلىدى.

  ساۋەن ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ لياۋنىڭ ئەنشەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن 23 ئوقۇتقۇچىنى مەكتەپنىڭ بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى، كۆپچىلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان يالغۇز كىشىلىك ناخشا، كۇەيبەر، ساغلاملىق گىمناستىكىسى قاتارلىق نومۇرلاردىن ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ۋاڭ شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتىنى ئەنشەنگە ئېلىپ كېتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، ساۋەننى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى