تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى زور، ئامما ئېرىشكەن نەپ كۆپ بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

  «چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئىشىكىمىز ئالدىدىلا كېسەل كۆرىدىغان بولدى، كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بارغانسېرى ئاز تۆلەيدىغان بولدۇق...» 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىلىق شىپاخانىدا تەكشۈرتۈشنى ئەمدىلا تۈگەتكەن مەمەت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى يېزا- بازارلىق شىپاخانىدا كېسەل كۆرسىتىدىغان، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىدىغان، مەسلىھەت سورايدىغان بولدى، بولۇپمۇ دوختۇرلار ساغلاملىق لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇرسا، شىپاخانا قورۇسى ئادەملەرگە لىق تولۇپ كېتىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئاممىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىش ۋە ساغلاملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسىنى نۇقتىلىق ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق بەخت-سائادىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى.

  ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كېسەل كۆرسىتىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى

  «دۆلەتنىڭ سىياسىتى ھەقىقەتەن بەك ياخشى! بۇلتۇر قىزىم دوختۇرخانىدا ياتقاندا 25 مىڭ يۈەن خەجلىگەنىدىم، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، سودا سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، داۋالىنىش خىراجىتىمىز پەقەت نەچچە ئون يۈەنلا بولدى.» بۇ بىر قانچە يىلدىكى كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىشتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالغاندا، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسى چۇناقلا كەنتىنىڭ ئاھالىسى تۇردىئەخمەت تۇرسۇننىيازنىڭ تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنى تولۇق قاپلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالاش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەمدە سودا سۇغۇرتىسىنى تولۇقلاپ بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە قارىتا نامرات كىشىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بىر قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىش يۇقىرى چەك سىزىقىنى بىكار قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئاتچوت قىلدۇرۇش نىسبىتىنى %5 پوئېنت ئۆستۈردى، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچتىكى ئاتچوت قىلدۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات كىشىلەرگە قارىتا %5 پوئېنت ئۆستۈردى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىدا دەسلەپكى پۇل تۆلەش چېكىنى %60 كىچە تۆۋەنلىتىپ، «بىرنى بىكار قىلىش، ئىككىنى ئۆستۈرۈش، بىرنى تۆۋەنلىتىش»تەك داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مايىللاشقان ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، نامرات كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش ھەققى يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلەتتى.

  ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش «ئۈچ بىر تۈركۈم» ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇشتا، ئاپتونوم رايونىمىز چوڭ كېسەللەرنىڭ بىر تۈركۈملىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇپ داۋالاش، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ بىر تۈركۈملىرىنى توختاملىشىپ مۇلازىمەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئېغىر كېسەللەرنىڭ بىر تۈركۈملىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، كېسەلگىچە نەقلەشتۈرىدۇ. يېزىلاردىكى چوڭ كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامرات ئاھالىنى يىغىپ قۇتقۇزۇپ داۋالاش، يېزىلاردىكى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامرات ئاھالىگە توختاملىشىپ مۇلازىمەت قىلىش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ھەم يىراق مۇساپىلىك داۋالاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق نامرات ئاھالىنى كېسىلىنى كۆرسىتەلەيدىغان قىلىپلا قالماستىن، يەنە كېسىلىنى ياخشى كۆرسىتەلەيدىغان قىلدى.

  داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى كېسەل كۆرسىتىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقيار بازىرىدىكى دېھقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى ئاقيار بازارلىق شىپاخانا «مىلتىقنى زەمبىرەككە ئالماشتۇرغان»دىن كېيىن، «كىچىك كېسەللەرنى يېزىدىن چىقارماسلىق، چوڭ كېسەللەرنى ناھىيەدىن چىقارماسلىق»تەك يېپيېڭى بەت ئاچتى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقيار بازىرى ئەسلىك كەنتىنىڭ ئاھالىسى خالىق ئەزىز مۇنداق دېدى: بازارلىق شىپاخانا ھەر خىل زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىدى، بەزى ئوپېراتسىيەلەرگە ناھىيەگە قاترىمايدىغان بولدۇق، شۇنداق بولۇپلا قالماي دوختۇرلارنىڭ سەۋىيەسىمۇ خېلى ئۆستى.

  تېببىي دورا-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورناتتى، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئەندىزىسىنى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئۈچىنچى دەرىجىلىك 41 ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى، ئىككىنچى دەرىجىلىك 400 گە يېقىن دوختۇرخانا بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، داۋالاش گۇرۇھى، ناھىيەلىك داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى، مەخسۇس كېسەللىكلەر ئىتتىپاقى، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىشىش تورى، جۇڭيى تۈرىدىكى بىرلەشمە گەۋدە قاتارلىق بەش خىل شەكىلدىكى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مەسىلەن: يۇقىرى قان بېسىم، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالىغىلى بولىدۇ، ئۆپكە ياللۇغى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۈل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردا داۋالىغىلى بولىدۇ دېگەندەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆمەك تەشكىللەپ بۆلۈم-ئىشخانىلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش، بۆلۈم-ئىشخانىلاردىكى تايانچلارنى يېزىلارغا كېسەل كۆرۈشكە تاللاپ ئەۋەتىش، يېتەكلەش، ئۆگىتىش، كېسەلخانىلارنى ئارىلاش قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار تۆۋەن دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا «يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش»تەك بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق يېزا-بازار شىپاخانىلىرىدىكى دوختۇرلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى تەرتىپلىك ھالدا ئاساسىي قاتلامغا توپلاندى، «ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويۇش، قوش يۆنىلىشتە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش، جىددىي خاراكتېرلىكى بىلەن ئاستا خاراكتېرلىكىنى ئايرىپ داۋالاش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش»تەك دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش تەرتىپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئامما تېخىمۇ خاتىرجەم، تېز- قولاي، ئەتراپلىق، پۇل تېجەلەيدىغان ھالدا كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان بولدى.

  ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش يەنىمۇ تېزلىتىلدى

  1-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، ئابدۇسالام ئابلەت ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى دوختۇرلارغا ئەگىشىپ كېسەلخانىلارنى ئارىلىدى. بۇ يىلقى ئۆگىنىشى تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ مەكىت ناھىيەسىدىكى يېزا-بازار شىپاخانىسىدا ئۇنىۋېرسال دوختۇر بولىدۇ. ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: مەن زاكاز بويىچە نىشانلىق تەربىيەلىنىۋاتقان دوختۇر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەكىت ناھىيەسىنىڭ يېزا- بازار شىپاخانىسىغا بېرىپ خىزمەت قىلدىم. ئۈچ يىللىق كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش مەزگىلىدە، ئەسلىدىكى ئىش ئورنۇم ئاساسىي مائاشىمنى داۋاملىق بەرگەندىن باشقا، يەنە دۆلەتمۇ ياردەم پۇلى بېرىدۇ.

  ئاساسىي قاتلامدا سەھىيە ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قاتلامدىكى سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، تەدرىجىي ھالدا «3 + 5» (بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ تەربىيەسىگە ئۈچ يىللىق كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشنى قوشۇش) ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، «2 + 3» (ئۈچ يىللىق مەخسۇس كۇرس تەربىيەسىگە ئىككى يىللىق ياردەمچى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەشنى قوشۇش) تولۇقلىما قىلىنغان كىلىنىكىلىق تېببىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى تەدرىجىي ئورناتتى، كەنت داۋالاش ئۆيىگە يۈزلەنگەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېببىي ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىغا يۈزلەنگەن تولۇق ئوتتۇرىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى تېببىي مائارىپ، يېزىلاردىكى زاكاز بويىچە نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى تېببىي ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز تەربىيەلەش خىزمىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال دوختۇر، بالىلار دوختۇرى، روھىي ساغلاملىق، ئاياللار كېسىلى دوختۇرى قاتارلىق جىددىي كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا- بازار شىپاخانىلىرى، كەنت داۋالاش ئۆيىدە ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش، ئىقتىدارى، سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  2018-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز 2-تۈركۈمدە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىغا يۈزلەنگەن تولۇق ئوتتۇرىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى تېببىي مائارىپنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن مەخسۇس كۇرس تېببىي ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، مۇناسىپ كەسپىي تېخنىكا ماھارىتىنى ھازىرلىغان ئەسقاتىدىغان 1500 تېببىي ئىختىساسلىق خادىمنى تەربىيەلەپ بەردى. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى 7000 كىشىگە يەتكۈزۈش، ھەر بىر يېزا-بازارلىق شىپاخانا ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىگە ئاز دېگەندىمۇ ئىككىدىن ئۇنىۋېرسال دوختۇر سەپلەش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى