تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى شەھىرى: قىشلىق ئارىسال مەزگىلدىكى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قىزىپ كەتتى

  شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ما يۆ، ليۇ خۇا خەۋەر قىلىدۇ: «سېتىشتىن بۇرۇن خالتىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈزۈمنى خىللاپ، ياخشى ئەمەسلىرىنى، كېسەل تەگكەنلىرىنى تازىلىۋېتىش كېرەك...» 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ دەنبا بازىرى تۇلياڭ كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى دا چىئەينىڭ ئۈزۈمنى شېخىدا تۇرغۇزۇپ يېڭى پېتى ساقلاش پارنىكىدا، سانجى شەھەرلىك باغۋەنچىلىك خىزمىتى پونكىتىنىڭ ئالىي ئاگرونومى ما جۈمىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە پارنىك باشقۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرمەكتە ئىدى.

  دا چىئەي 2015-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى زىچلىقتا تىكىش-ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، پارنىكتا ئۈزۈم ئۆستۈرگەنىدى، ئۈزۈمىنىڭ شېكەر تەركىبى ئېشىپ، دانىسى يوغان بولدى، مەھسۇلات مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 2018-يىلى ئۇنىڭ ئىككى پارنىكتىكى ئۈزۈمىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 1.8 توننىغا يەتتى. دا چىئەي مۇنداق دېدى: «پەسىلسىز سېتىلىدىغان ئۈزۈمنىڭ باھاسى يۇقىرى، سېتىلىشى ياخشى، ئىككى پارنىكتىن 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. بۇ قېتىم مۇتەخەسسىسلەر تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئىشىك ئالدىمىزغىچە يەتكۈزۈپ، بىزنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى».

  قىشنىڭ ئارىسال مەزگىلى بولسىمۇ ئادەملەر يەنىلا ئالدىراش ئىدى، سانجى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرى، كوچا- مەھەللىلىرىدە قىشلىق پەن-تېخنىكا پائالىيەتلىرى قىزغىن كەيپىياتتا قانات يايدۇرۇلماقتا ئىدى. 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ جەنۇبىي يولى كوچا ئىش باشقارمىسى تيەنفاڭ مەھەللىسىدە، ساغلاملىق بويىچە ئۇۋۇلاش ئۇستىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئۆز قەرەلىدە دەرس باشلاندى. بۇ قېتىملىق كۇرسنىڭ ۋاقتى 15 كۈن بولۇپ، ئۆگىنىش مەزمۇنى مۇراسىم قائىدە- يوسۇنلىرى، جۇڭيى تېبابىتى ئاساسىي بىلىملىرى، ئۇۋۇلاش ماھارىتى، پىسخىكا بىلىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  قىش كىرگەندىن بۇيان، سانجى شەھىرى قىشلىق پەن-تېخنىكا پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، دېھقان-چارۋىچى تېخنىكلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شەھەردە 200 نەچچە مەيدان قېتىم پەن-تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، جەمئىي 16 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى