1-ئاينىڭ 4-كۈنى، دېھقان قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى بۇلۇڭتوغراق يېزىسىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا ۋوگەن يىغىشقا تەييارلىق قىلماقتا. بۇ بازا 2016-يىلى تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈپ تېرىغان ۋوگەن بۇ يىل تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى، ھازىر كەينى-كەينىدىن پىشىپ بازارغا سېلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا ۋە سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇلۇڭتوغراق يېزىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خولۇڭگو، فېڭلى، مۇگۇا قاتارلىق جەنۇبىي جۇڭگو تەرەپنىڭ مېۋىلىرىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
(پولات نىياز فوتوسى)