تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بۇلتۇرقى قاتناش قېتىم سانى 1000 نۆۋەتتىن ئاشتى

ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.2 ئاشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، 2018-يىلى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن جەمئىي 1002 نۆۋەت قاتنىغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.2 ئاشقان.

  2018-يىلى، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى خېرىدارلارنىڭ خاسلاشقان ئەشيا ئوبوروت تىرانسپورت ئېھتىياجىغا قارىتا، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى تولۇق مۇساپىلىك ئەشيا ئوبوروت لايىھەسىنى پىلانلاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئېكسپورت ماددىي ئەشيالىرىنى ئۈرۈمچىدە توپلىنىشقا جەلپ قىلىپ، «پارچىنى پۈتۈنلەش» ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى يۈك مەنبەسىنىڭ تېز توپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تولۇق قاچىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتچى پويىزنى تەشكىللەش ئۈنۈمى ۋە قاتناش سۈرئىتىنى داۋاملىق ئاشۇردى. يىغىلىش مەركىزى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 82 ئىمپورت-ئېكسپورت كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۈك يىغىش ئىتتىپاقى قۇردى، نۆۋەتچى پويىزغا يۈك مەنبەسى تەشكىللەش گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە، شەھەرگە تارقالدى.

  تىجارەت ۋاقتىنى داۋاملىق قىسقارتتى. يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 48 سائەتتە قازاقىستاننىڭ ئالمائاتاغا، 72 سائەتتە ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە يېتىپ بارىدۇ، سەككىز كۈندە رۇسىيەگە، 16 كۈندە گوللاندىيەگە، 19 كۈندە ئىتالىيەگە يېتىپ بارىدۇ، تىرانسپورت ۋاقىت ئۈنۈمى مال مەنبەسىنى جەلپ قىلىشتىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

  شىنجاڭ شىنتيې خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن مۇنداق دېدى: «جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يول يۈرۈش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، تەننەرخى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن كەلگەن يۈك ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىگە توپلىنىشقا جەلپ قىلىندى. 2016-يىلى يىغىلىش مەركىزى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 1800 دىن كۆپرەك نۆۋەتچى پويىز قاتنىدى».

  ھازىر، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن نۆۋەتچى پويىزنىڭ يولغا چىقىش كۆلىمى ئەڭ دەسلەپتىكى ھەپتىسىگە بىر نۆۋەتتىن ھەر كۈنى ئۈچ نۆۋەتكە تەرەققىي قىلىپ، بۇ جايدىن يولغا چىقىپ غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 20 گە يېتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 19 دۆلەتنىڭ 26 شەھىرىگە تۇتاشتى، شىنجاڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، شەرقتە دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت، رۇسىيە ھەمدە ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «تۆمۈريول قاتناش چەمبىرىكى»نى ھاسىل قىلدى.

  نەن جۈن مۇنداق دېدى: «بىز ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ ئەشيا ئوبوروت جەھەتتە تەسىر كۆرسىتىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چوڭ يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش قېتىم سانىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىشقا تىرىشىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى