تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گاۋتەن 1-نومۇرلۇق قۇدۇقتىن يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت-گاز ئېقىمىغا ئېرىشتى

شىنجاڭ نېفىتلىكى تەۋەككۈل قىلىپ چارلاپ تەكشۈرۈشتە مۇھىم، زور بۆسۈشكە ئېرىشتى

گاۋتەن 1-نومۇرلۇق قۇدۇقتىن يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت-گاز ئېقىمىغا ئېرىشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە بىرلەشمە چارلاپ تەكشۈرۈشتە مۇھىم، زور بۆسۈشكە ئېرىشكەن، شىخو شەھىرىدىكى تەۋەككۈل قىلىپ قېزىلغان تەكشۈرۈش قۇدۇقى−گاۋتەن 1-نومۇرلۇق قۇدۇقتىن يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت-گاز ئېقىمىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن كۈنىگە 1213 كۇب مېتىر خام نېفىت، 321 مىڭ 700 كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئالغىلى بولىدىكەن. گاۋتەن 1-نومۇرلۇق قۇدۇقتىكى مۇھىم، زور بۆسۈش جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىنىڭ ئالدىنقى قۇرۇقلۇقىدىكى چوڭ تىپتىكى نېفىت-گاز توپلىنىش رايونىنى چارلاپ تەكشۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ نېفىت-گاز بايلىقى مول بولۇپ، بۇ جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ خام نېفىت زاپىسىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئىز باسما رايون ئىكەن. جۇڭگو نېفىتىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى نېفىت-گاز ئېكۋىۋالېنتى 50 مىليون توننىلىق مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى مول نېفىت رايونىنى مەركەزلىك چارلاپ تەكشۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى ساھەلەردە تەۋەككۈل قىلىپ چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە كونا نېفىت رايونىنى ئىنچىكە چارلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال گېئولوگىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نېفىت-گاز چارلاپ تەكشۈرۈشىدە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، زاپاسنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشتىكى نەتىجە، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى.

  2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ماناس كۆلى، ساۋەن قاتارلىق جايلاردا كۆپ ساھەلەردە مۇھىم نەتىجىگە ئېرىشتى، پۈتۈن بىر يىلدا، يېڭىدىن سانائەت نېفىت-گاز ئېقىمى قۇدۇقىدىن 108 گە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى مەھسۇلاتلىق قۇدۇق 33، 100 توننىلىق قۇدۇق تۆت بولۇپ، پۈتۈن يىللىق زاپاس مىقدارنى چارلاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى. بۇ يىل، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى رايون ماتېرىيالىنى قايتا تەكشۈرۈش ھەم ئوتتۇرا، تېيىز قاتلامنىڭ ھاسىل بولۇش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، گېئولوگىيە بىلەن قۇرۇلۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، تەتقىقات بىلەن يولغا قويۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى زاپاس مىقدارغا ئېرىشىپ، بايلىقنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، زاپاسنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى