تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانجى-گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئەڭ ئاخىرقى تەڭشەش، سىناش باسقۇچىغا كىردى

خەلقئارا يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش ساھەسىدىكى مۇھىم، زور تېخنىكىلىق ھالقىش

سانجى-گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئەڭ ئاخىرقى تەڭشەش، سىناش باسقۇچىغا كىردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: «سانجى-گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى سىستېمىنى تەڭشەش، سىناش باسقۇچىغا كىردى، مۆلچەرىمىزچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەڭشەش، سىناش خىزمىتى تاماملىنىدۇ، بۇ، پۈتكۈل قۇرۇلۇشنىڭ زەرەتلىنىش شارائىتىنى ھازىرلاشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قەدىمى» دېدى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشى شۆبە شىركىتى سانجى 1100± كىلوۋولتلۇق تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇش كەسىپ تۈرى بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس مەسئۇلى پەن چىڭسۇڭ.

  سانجى-گۇچۈەن 1100±كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ قۇرغان دۇنيادىكى تۇنجى 1100±كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2016-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3293 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ بۆلىكىدىكى لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 599 كىلومېتىر. بۇ قۇرۇلۇش دۆلەت يولغا قويغان «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى 2-ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، شۇنداقلا ھازىر دۇنيادىكى ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ زور، يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار بولغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى. قۇرۇلۇش رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى شەرقىي جۇڭگو رايونىغا 66 مىليارد كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، بۇ توك بىلەن 400 مىليون دانە 30 ۋاتلىق لامپۇچكىنى بىرلا ۋاقىتتا يورۇتقىلى بولىدۇ، بۇ شەرقىي جۇڭگودىكى 50 مىليون ئائىلىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھەر يىلى توشۇلىدىغان 30 مىليون 240 مىڭ توننا كۆمۈرنى ئازايتىدۇ.

  2018-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ بۆلىكى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، سانجى-گۇچۈەن 1100±كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تولۇق بېسىملىق توك يەتكۈزۈشنى باشلىدى ھەم قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  1100 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ يېڭى ئىجادىي نەتىجە، بۇنىڭدا ئىلغار يۇقىرى ئېلېكتىر بېسىمى، زور توك ئېقىمى، تۆۋەن سەرپىياتلىق تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى ۋە جابدۇق ياساش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، «تۇراقلىق ئېلېكتىر بېسىمى، ئۆزگىرىشچان ئېلېكتىر بېسىمى ۋە يەتكۈزۈش سىغىمى»نى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 5000-3000 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىدە توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى تۇنجى قېتىم ھازىرلاندى، بۇ خەلقئارا يۇقىرى بېسىملىق توك يوللاش ساھەسىدىكى مۇھىم، زور تېخنىكىلىق ھالقىش. تېجەشلىك توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى دۆلەت ھالقىپ توك يەتكۈزۈش ۋە قىتئەلەر ئارا توك يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئېلېكتىر سىستېمىسى بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇپ سەپلەش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسى دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسى، ئۇ سىغىمچانلىقى چوڭ، يەتكۈزۈلگەن ئارىلىقى يىراق، سەرپىياتى تۆۋەن بولۇش، يەرنى ئاز ئىگىلەش ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى