تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

——رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەربىي ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مېي شىشيۇڭ

  «جەڭگىۋار قوشۇن ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر ۋە قۇرۇلۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى ۋە بايلىقىنىڭ ھەممىسىنى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك».

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەربىي ئىشلار خىزمىتى يىغىنى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ باش تېمىسى مۇھىم، زور، ئۇنىڭدا ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئۇ پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار يېتەكچى نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات زور يۈزلىنىشىنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندايمىز.

  باش قوماندان بۇيرۇق بەردى، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. زەربىدار ئاپتوموبىل، توپ- زەمبىرەكلەر قاتار تىزىلدى، پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ئاپتوموبىللىرى ئىككى ياندىن ماسلاشتى، مىناميوت، ئېغىر پىلىموت، تانكىغا قارشى راكېتا، گىرانات ئېتىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چىقتى... دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ مەلۇم لۈسىدىكى نەچچە مىڭ كوماندىر- جەڭچى ھەيۋەتلىك سەپ تۈزۈپ، 2019-يىللىق ھەربىي مەشىق خىزمىتىنىڭ جەڭ پەردىسىنى ئاچتى. لۈجاڭ جاڭ شۈنخۇا مۇنداق دېدى: ئارمىيە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى ئارمىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ رېئال، ئەڭ تەخىرسىز ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى. بىز چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەپ، قىسىملارنىڭ غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  قاراقۇرۇمنىڭ ئىچكىرىسىدە مەشىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۈەنىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى بىر مەيدان يېنىك قوراللار بىلەن كۆپ ئىقتىدارلىق قارىغا ئېتىش سىنىقى ئارقىلىق يېڭى بىر يىللىق ھەربىي مەشىقنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى ناتونۇش جايدا، ھەربىر كوماندىر-جەڭچى يېتىش، تىزلىنىش، ئۆرە تۇرۇش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان قىياپەتلەردە كۆپ خىل قوراللار بىلەن قارىغا ئېتىشنى ئارقا-ئارقىدىن تاماملىدى. كوماندىر-جەڭچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى ئارمىيەنىڭ ئاساسىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ئۈنۈملۈك ھالەت شەكىللەندۈرۈش، كىرىزىسنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، ئۇرۇشنى توسۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى تۇتقانلىق قىسىملارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ بېشىنى تۇتقانلىق، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى تۇتقانلىق.

  جەڭ مەيدانىدا تەييارلىق تولۇق بولسا غەم-ئەندىشە بولمايدۇ. شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم دېڭىز مۇداپىئە لۈسى 2-يىڭىنىڭ 5-ليەنى دۇڭخەي دېڭىزىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى مياۋزىخۇ ئارىلىنى ساقلايدۇ. يېڭى بىر يىللىق مەشىق باشلانغاندىن كېيىن، قىسىمدا مەشىقنىڭ سىجىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. سىياسىي يېتەكچى ۋۇ جيې مۇنداق دېدى: ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇش، ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. قىسىملار ھەممە ئىشتا ئەمەلىي ئۇرۇش تەلىپىنى چىقىش قىلىدىغان روشەن يېتەكچى يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، سىستېمىلىق تىركىشىش مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇرەككەپ مۇھىتتىكى مەشىقنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنتايىن ناچار شارائىتتىكى مەشىقنى چىڭ تۇتۇپ، غەلىبە قىلىش ئۇسۇللىرىنى قاتتىق مەشىق قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۇرۇش قىلىشنىڭ تولۇق تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.

  قۇرۇقلۇق ئارمىيە 73-جىتۈەنجۈن مەلۇم قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە لۈسى كۆپ خىل ئايروپىلانلارنى مەشىق قىلىدىغان ھەرقايسى ھاۋا تەۋەلىرىگە بېرىشقا تەشكىللەپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئوندىن ئارتۇق مەشىق تۈرىنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويدى. جۇڭگونىڭ 5-تۈركۈمدە جەنۇبىي سۇدان (جۇبا)غا بارغان تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر يىڭى، جۇڭگونىڭ 15-تۈركۈمدە سۇداننىڭ دارفورغا بارغان تىنچلىق ساقلاش قۇرۇلۇش قىسىمى شۆبە ئەترىتى ۋەزىپە رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەربىي مەشىق پىلانىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن ئېغىر، قىيىن نۇقتىلىق تۈرلەر بويىچە مەشىقنى قانات يايدۇردى. كوماندىر-جەڭچىلەر مۇنداق بىلدۈردى: كۈلپەت ئېڭى، كىرىزىس ئېڭى، ئۇرۇش قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  راكېتا ئارمىيەسى «مۇنتىزىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا 1-لۈسى» «قويۇپ بېرىشتىكى ئاۋانگارت جازىسى» ماھارەت سىنىشىش بۇرغىسىنى چالدى. لۈ قويۇپ بېرىش 2-يىڭىنىڭ 1-دەرىجىلىك قويۇپ بېرىش كوماندىرى تاۋ دېجۈن مۇنداق دېدى: ھەربىر ماھارەتنى مەشىق قىلىپ ۋايىغا يەتكۈزگەندىلا، ئاندىن «ھەر ۋاقىت ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇش، دەل ۋاقتىدا قويۇپ بېرىش، ئۈنۈملۈك ۋەيران قىلىش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  ئۇرۇش تەييارلىقى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «سۇجوۋ» ناملىق پاراخوتى دېڭىز ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇش، ھاۋارايى كۆپ ئۆزگىرىش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنى يېڭىپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى تۈر مەشىقلىرىنى تەشكىللەپ، كۆپ خىل لايىھە ۋە جەڭ قىلىش ئۇسۇللىرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىدى. پاراخوت باشلىقى خۇاڭ شىنكې مۇنداق دېدى: «ھەرىكەت ئەڭ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىز چوقۇم ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش خىزمىتىدىكى كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ، ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى تىرىشىپ ئۆستۈرىمىز».

  قوراللىق ساقچى قىسىم يىلپىز زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىشقا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى نەق مەيدانىدا، ئۇرۇش قىلغۇچى بۆلەكلەر ئۆزئارا رەقىب بولۇپ، بىرى مۇداپىئەدە تۇرسا، يەنە بىرى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئۆزئارا قارشىلىشىپ، نۆۋەتلىشىپ كۈچ سىنىشىپ كەسكىن ئېلىشتى. قىسىم باشلىقى چۈ لياڭفېڭ مۇنداق دېدى: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرغاچقا، بىز <ئۇرۇش قىلمىساقمۇ تەييار تۇرىمىزكى، ئۇرۇش قىلمايمىز دەپ تەييارلىقسىز تۇرمايمىز> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق».

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈسى قىش پەسىللىك كۈچلۈك مەشىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ قېتىم ئۇرۇش تەييارلىقى دەرىجىسىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇ لۈ يىڭ ئوت كۈچى بۆلىكىنىڭ ھەرىكەتلىنىش، زەربە بېرىش، بىرلىشىش، مۇداپىئەلىنىش، كاپالەتلەندۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق چېنىقتۇرۇپ، قاتلاملار بويىچە مەشىقلەندۈرۈش، بۆلەكلەر بويىچە مەشىققە تەشكىللەش، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا مەشىق قىلىش قاتارلىق چوڭقۇر مەشىق قىلىش، كۈچلۈك مەشىق قىلىش ئۇسۇللىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى بىر يىللىق ھەربىي مەشىقنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. لۈ سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بەي يىڭۋېي مۇنداق دېدى: «چوقۇم مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي مەشىقتىكى كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرگە سىجىل كۈچەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇرۇش مەشىقىدىكى پەرقلەردىن ئۈزلۈكسىز ھالقىپ ئۆتۈپ، ئەمەلىي مەشىقنى ئەمەلىي ئۇرۇشقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك».

  كەڭ كوماندىر-جەڭچىلەر مۇنداق بىلدۈردى: داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، باش قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى ياخشى مەشىق قىلىپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىق خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى