تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قائىدە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2017-يىلى 1-ئايدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۈزگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قائىدە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا قارىتا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە ئاساسەن قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ھەم مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامىغا ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «قائىدە» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ، تىرىشىپ ئىچكى جەھەتتىن تىزگىنلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سادىق، قەتئىي، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، پاك-دۇرۇس ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرى) پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇلارغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «قائىدە»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق ئالدىدا دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، دادىل كۈرەش قىلىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان بەرپا قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسىغا ئائىت تۈرلۈك تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش جەھەتتە يەنىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى، ئۆزىنى چەكلەش جەھەتتە يەنىمۇ قاتتىق بولۇشى كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسى بىلەن قانۇن ئىجراسىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش بىلەن قانۇن ئىجراسىنى رېۋىزىيە قىلىشنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزام، قانۇندىن ئىبارەت «ئىككى سىزغۇچ»نى بىرتۇتاش قوللىنىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن پايدىلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەم ئىنتىزام ئىجراسىدا قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەل جايىدا-ئىلمىي بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئۆز- ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسىدىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا، قانۇن ئىجراسىدىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا «قىلچە يول قويماي»، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرى) رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، «قائىدە»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغانلارغا تەنقىدىي تەربىيە بېرىپ، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قائىدە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، «قائىدە»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  «قائىدە» جەمئىي ئون باب، 77 ماددا بولۇپ، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىكار قىلىندى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار باشقا بەلگىلىمىلەردىن ئومۇمەن مۇشۇ قائىدە بىلەن بىردەك بولمىغانلىرى مەزكۇر قائىدە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى