تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىمەن

  لوپ ناھىيەسى لوپ بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى پەرھات ئەخمەت

  يېقىندا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت» پىروگراممىسىدا كۆرسىتىلگەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆردۈم، ئۇنىڭدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى، ئەمەلىي قوللىنىشچان ماھارەت بىلىملىرىنى، قانۇن - نىزاملارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بىرەر ماھارەت ئىگىلىگەندىن كېيىن خېلى كۆپ كىرىم قىلىۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەرنى ئۇنتۇيالمىدىم. ئۇلار ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى، كۆيۈنۈشىدە يېڭىباشتىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەتكە، ئائىلىسىگە ياراملىق كىشىلەرگە ئايلىنىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن خۇشال بولدۇم ۋە ھاياجانلاندىم.

  ئالدىنقى يىللاردا، شىنجاڭدا يۈزبەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىدىن قاتتىق چۆچۈدۈم، غەزەپلەندىم، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز ئۆزۈمگە مۇنداق سوئال قويدۇم: نېمە ئۈچۈن زوراۋانلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم ئاق كۆڭۈل ئامما زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىدۇ؟ بۇنىڭغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە چىرىتىشى سەۋەب بولغان. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش ماھىيىتى رەزىل، ھەرىكىتى ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى تامامەن ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغانلىق، خەلققە ئاسىيلىق قىلغانلىق. بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرىشىمىز، ھەم مىللىي مەسىلە ئەمەس، ھەم دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى بىر مەيدان ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان سىياسىي كۈرەش. بىز جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ، كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  بىزنىڭ كادىرلار قوشۇنىمىزدا، بەزىلەر ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە ئىدىيەدە تەۋرەندى، پوزىتسىيەدە مۈجمەل بولدى، بۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئىدىيەسى تۇتۇق، روھى زەھەرلەنگەن، قىلمىشى رەزىل بولۇپ، ئۇلار زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ زەھەرخەندە، مىللەتنىڭ مۇناپىقلىرى ۋە تارىخنىڭ گۇناھكارلىرى. مەن قەتئىي ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، يۈرەكلىك ھالدا رەددىيە بېرىپ، دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قىلچە رەھىم قىلماستىن يىلتىزىدىن يوقىتىمەن.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلىگەن بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي نىشانىمنى توغرىلاپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، خاتا كۆز قاراشلارغا رەددىيە بېرىپ، دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا ھېچقانداق ياشاش بوشلۇقى قالدۇرماي، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن تۆۋەندىكى تۆت قەتئىينى ئىشقا ئاشۇرىمەن:

  قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتىمكى، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ پەقەت بىرلا ئائىلىمىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى جۇڭگو، بىز مەڭگۈ جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى. شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىزدۇر. ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ ۋەتەننى پارچىلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىكەن، بىز ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز، ئۇلارنى قەتئىي تۈردە پاكىز يوقىتىمىز.

  قەتئىي ھالدا پارتىيەگە سادىق بولىمەن. «ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش» روھى پارتىيەگە سادىق بولۇشتىن ئىبارەت توغرا كەيپىياتتىن كېلىدۇ. مەن بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي ھالدا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، باشتىن- ئاخىر سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە چەكسىز مۇھەببەت باغلاشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، باشتىن- ئاخىر دادىل ھالدا توغرا كەيپىياتتا چىڭ تۇرۇشنى، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلمايمەن. قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشنى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، قەتئىي ھالدا دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنى پاكىز يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمەن.

  قەتئىي ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن. مەن پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا ياخشى تەشۋىقاتچى بولۇپ، ئىتتىپاقلىققا، مۇقىملىققا پايدىسىز سۆز - ھەرىكەتلەرنى توسۇشتا ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش كۈرىشىدە ياخشى ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن.

  قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، خاتىرجەملىك، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ھەرىكەتلىرىگە بىز ھەرگىز يول قويمايمىز، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئۇلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى