تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە «يۇقىرى سۈرئەت»لىك يولىغا كىردى

  ــــ جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ قۇرۇلمىسى 220 كىلوۋولتتىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ 750 كىلوۋولتقا يەتكۈزۈلىدۇ

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي

  1- ئاينىڭ 5- كۈنى، قەشقەر شەھىرىدىن 60 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىپايان چۆللۈكتە، بىر توپ توك ئىشچىلىرى ماشىنىدا مەشغۇلات قىلىپ، توم ھەم يوغان ئۆتكۈزگۈچ سىمنىG1018, G1017 تۆمۈرمۇنار ئارىلىقىدا ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈۋاتاتتى، بۇ قەشقەر - يەكەن 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ Ⅰ ئۆلچەم بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى. ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ كۈمۈش رەڭلىك ئىككى مۇنار ئارىسىدا «تۇتاشتۇرۇلۇشى»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى.

  بۇ قۇرۇلۇش جەنۇبىي شىنجاڭغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ قۇرۇلۇشتا يەنە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلدى.

  750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى خوتەنگىچە ئۇزارتىلىدۇ

  «جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تىرىكىگە ئىگە قىلىدۇ» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات - پىلان بۆلۈمى ئالدىنقى قارارلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ليۇ كۈي.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭگاھ بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا قارىتا، سىياسەت جەھەتتە قوللاش ۋە مەبلەغ تۈر جەھەتتە مايىل بولۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ توك بىلەن تەمىنلەش رايونلىرىنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارى تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ نىسپىي كەينىدە قېلىش مەسىلىسى ھېلىھەم مەۋجۇت. ھازىر، خوتەن ئېلېكتىر تورى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي ئېلېكتىر تورى بىلەن 220 كىلوۋولتلۇق لىنىيە ئارقىلىقلا تۇتاشتۇرۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تور رامكىسىنىڭ قۇرۇلمىسى 220 كىلوۋولتتىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ 750 كىلوۋولتقا يەتكۈزۈلىدۇ، قەشقەر- يەكەن- مارالبېشى- يەكەن توك يوللاش سىغىمچانلىقىنى 500 مىڭ كىلوۋاتتىن 1 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قەشقەر- قىزىلسۇ ئېلېكتىر تورىدىن خوتەنگە توك يوللاش سىغىمچانلىقى 200 مىڭ كىلوۋاتتىن 500 مىڭ كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ليۇ كۈي مۇنداق دېدى: «بۇ توك يوللاش سەرپىياتىنىڭ تېخىمۇ ئاز، يەتكۈزۈش يوللاش ئارىلىقىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن، سىغىمچانلىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قۇرۇلۇش رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېلېكتىر تورى ئارقا- ئارقىدىن شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تورى رامكىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشتىكى ئىشەنچلىكلىكى ئاشۇرۇلىدۇ، بۇ، خوتەن ۋىلايىتىدە توك قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

  ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇش قىلىشتىكى بىرىنچى تەلەپ

  ليۇ كۈي مۇنداق دېدى: «بۇ قۇرۇلۇش لىنىيەسى كېسىپ ئۆتىدىغان يەر شەكلى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، توغراقلىق، قۇملۇق، چۆللۈك، سۇلۇق يەر قاتارلىق ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلاردىن ئۆتىدۇ. قۇرۇلۇش قىلغاندا شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇزۇشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش بىزنىڭ باش ۋەزىپىمىز».

  بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، لايىھەلىگۈچى ئورۇنغا «لىنىيە بويىدىكى بىر تۈپ دەرەخكىمۇ زىيان يەتكۈزمەسلىك» تۆۋەن چەك تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ليۇ كۈي كۆپ قېتىم مارالبېشى توغراقلىق دۆلەت ئورمان باغچىسىغا بېرىپ، ھەر بىر مۇنارنىڭ ئورنىنى دەل جايىدا ئۆلچىدى. لايىھەلىگۈچى تەرەپ لىنىيە ئۆتىدىغان رايوندىكى توغراقلىق ۋە سۇلۇق يەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، لىنىيەنى توغراق زىچ رايوندىن 500 مېتىر يىراقلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن، ئايلىنىپ ئۆتىدىغان لىنىيە ئىككى كىلومېتىرغا يېقىن كۆپەيدى.

  مارالبېشى - يەكەن- خوتەن 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ كەسىپ تۈرى دىرېكتورى لى ياڭ مۇنداق دېدى: «لىنىيە توغراق شالاڭ رايون ئىچىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، تۆمۈر مۇنارنىڭ ئۇلى بىردەك توغراقلىق ئۆسىدىغان رايون بۆلىكىدىن يىراقلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش جەريانىدا لىنىيە بويىدىكى توغراقلىق ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، دەل- دەرەخلەرگە ئۆسۈش بوشلۇقى قالدۇرۇپ، 43 تۆمۈر مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 45 مېتىردىن 63 مېتىرغا ئۆرلىتىلدى، ئېگىزلىكتىن ئارتىلدۇرۇلغان تۆمۈر مۇنار لىنىيەسى 20.28 كىلومېتىر كۆپەيدى. تۆمۈر مۇنار ھەربىر مېتىر ئېگىزلىتىلگەندىكى تەننەرخ 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاشتى، بۇنىڭغا ئايلىنىپ مېڭىشتىكى تەننەرخ قوشۇلۇپ، مارالبېشى- يەكەن- خوتەن 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيەسىنىڭ تەننەرخى 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئېشىپ كەتتى».

  قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ يەنە تۆمۈر مۇنارنىڭ ئۇلى ئەتراپى ھەمدە ۋاقىتلىق يوللارغا ئوت- چۆپ ئۇرۇقلىرىنى چاچتى ھەم سۆكسۆك قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئېنېرگىيە يوللىرى تۇتاشتۇرۇلدى

  جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇش نەق مەيدانىدا، قەشقەر- يەكەن 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيە قۇرۇلۇشى كەسىپ تۈرى دىرېكتورى جوۋ نەننىڭ تەسىراتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى.

  2018- يىلى 4- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، جوۋ نەن مەسئۇل بولغان لىنىيە ئېتىز، قۇملۇق ۋە چۆللۈكتىن كېسىپ ئۆتتى، يەنە 110 كىلوۋولتلۇق لىنىيە ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قۇرۇلۇش قىلىش بىخەتەرلىك خەۋپى دەرىجىسى 4- دەرىجىگە يەتتى. ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى جەريانىدا، بىخەتەرلىك خەۋپى دەرىجىسى ئەگەر 5- دەرىجە دەپ باھالانسا، قۇرۇلۇش قىلىش شەرتى ھازىرلانمايتتى.

  جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنىڭ تېزدىن شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تور رامكىسىغا قوشۇلۇشى ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، 3- دەرىجە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى خەتەرلىك مەشغۇلاتنى 85 قېتىم تاماملىدى.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى قەشقەر توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك ئورۇنلاشتۇرۇش- كونترول مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 57 يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار، لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىستېمال قىلىشى ئېلېكتىر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، پەقەت ئالدى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىگە يەتكۈزۈلەتتى، ئاندىن يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يەتكۈزۈلەتتى، 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيە ئاقسۇدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن توك يەتكۈزگىلى بولاتتى».

  شىنجاڭ جۇڭشىڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ شىنيەن جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تۇتاشتۇرۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ھاياجانلانغانلىق ئىپادىسىنى چىرايىدا ئىپادىلىدى. بۇ شىركەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل جەنۇبىي شىنجاڭدا يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ماڭغۇزۇپ كەلگەن. جوۋ شىنيەن مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يېڭى ئېنېرگىيە ئىستېمال سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

  جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ نىسبەتەن ئارقىدا قېلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى ھەم خوتەن ۋىلايىتىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان پاكىز ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش مىقدارى يىلىغا 3 مىليون 130 مىڭ توننا كۆمۈر سەرپىياتىنى تېجىگەنگە باراۋەر بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يىلىغا 10 مىليارد يۈەن سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى