تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

لوپنۇر جۇڭتەي گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى بەرپا قىلىدۇ

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لوپنۇر ناھىيەسى شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ، لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تارىم دەرياسى ھەۋزىسىدە تەبىئىي بايلىقنى قوغداش خاراكتېرلىك ئېچىپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيەت ساياھىتى كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، تارىخىي مەدەنىيىتى ئۇزاق، لوپنۇر يارداڭ چوڭ يېرىلما جىلغىسى، شىڭدى قىيا تاش سىزمىلىرى، كۆنچى دەرياسى تۇر توپى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە مول خاسلىققا ئىگە گۇمانىتار مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، بۇلار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى ساياھەتنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ناھىيەنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ـــ لوپنۇرلۇقلار كەنتىنى مەركەز قىلغان «بىر مەركەز، ئۈچ رايون، كۆپ نۇقتا» پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ بىلەن تەڭ قەدەمدە «شىددەتلىك» ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2018- يىلىدىكى ساياھەتچى سانى 1 مىليون 504 مىڭ ئادەم قېتىمغا، ساياھەت كىرىمى 160 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %37.7 ۋە %95 ئاشتى. ھازىر، لوپنۇر ناھىيەسى «بىر كەنت، بىر كۆل، بىر كارىدور، بىر مەھەللە»نى ۋەكىل قىلغان پۈتۈن رايون ساياھەت داڭلىق ماركىسى يارىتىشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، يەنى لوپنۇرلۇقلار كەنتى، لوپنۇر كۆلى، مىڭ چاقىرىملىق توغراقلىق رەسىم كارىدورى، داشى كەنتى قاتارلىقلار ساياھەتچىلىك كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز موللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ساياھىتى كەسپى يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ.

  لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شىڭ جىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭتەي گۇرۇھى لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تارىم دەرياسى ھەۋزىسى ساياھەت بايلىقىنى ئومۇمىي گەۋدىدىن پىلانلايدۇ، ساياھەت كەسپىنى ئومۇمىي گەۋدىدىن ئاچىدۇ، كىروران مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قازىدۇ ھەم لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىنى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا، داشى كەنتى قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونىنى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدۇ، باشقا ساياھەت مەنزىرە رايونلار توپىنى‹ A ›دەرىجىگە كۆتۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ <دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى>نى ھەرتەرەپتىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى يېشىل كەسىپ، خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپ، جانلىنىۋاتقان كەسىپكە ئايلاندۇرىدۇ».

  بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق بىر تەرەپتىن، دۆلەت كاپىتالىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى چوڭايتىپ، يەرلىكنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىنى زورايتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە كاپىتالى ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئەپچىللىك بىلەن قوزغىتىپ، پۇل مۇئامىلىدىكى «تىرىك سۇ» ئارقىلىق لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى ئېچىش ۋە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ماكانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، لوپنۇر ناھىيەسىنى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى