تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇردى

  كارخانىلارنىڭ يەڭگىل جابدۇنۇپ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولدى

  مۇخبىرىمىز خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى مالىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى خاۋ فۇچياڭ شىركەتنىڭ بۇ يىللىق تىجارىتىگە قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «كارخانىمىز بۇلتۇر بىر يىلدا تىجارەت ھېسابات دەپتىرى ماركا بېجىنى كېمەيتىش- كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغاچقا، 5 مىليون 630 مىڭ يۈەن چىقىمنى تېجەپ قالدى، بۇ، شىركىتىمىزنىڭ كەسىپلەرنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ يىل يەنە تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز يەنە نۇرغۇن ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇق».

  بۇلتۇردىن بۇيان، باج ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئەگىشىپ بىر قاتار باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تېزدىن ئەمەلىيلىشىشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. تۈرلۈك باج ئېتىبار سىياسەتلىرى «چوڭ سوۋغات سومكىسى» بارغانسېرى كۆپ كارخانىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شامال ئېنېرگىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا قەدەم قويدى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى گاۋ جيەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى، رايونلارنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى ئومۇملاشتۇرۇشىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ».

  باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئېتىبار سىياسەتلىرى نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغىمۇ ھاياتىي كۈچ قوشتى، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى شىنلۇ كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتى مەنپەئەتلەنگۈچى كارخانىلارنىڭ بىرى، 2018- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كارخانىلار يۆتكەشنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى ئوڭۇشلۇق بېجىردى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى ئەي خۇڭلى مۇنداق دېدى: «كارخانىنىڭ باج يۈكى ۋە بوغالتىرلىق ھېسابات تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى بىلەن ئوبوروت مەبلىغى تېجىلىپلا قالماي، بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىزنى ئىگىلىك باشقۇرۇشنى تۇتۇشقا ئاجرىتالايدىغان بولدۇق».

  پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك باج تارماقلىرى باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بارلىق كۈچىنى چىقاردى: سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتا ئىشتىن ئىلگىرى ئارىلىشىش، بىلىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئىش جەريانىدا مۇلازىمەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلىدى؛ كېيىنكى باشقۇرۇشتا ئىشتىن كېيىنكى ئىز قوغلاشنى قوللىنىپ، بەھرىلىنىشكە تېگىشلىكلىرىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تۈرلۈك باج سىياسەتلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنى يەڭگىل جابدۇنۇپ ئالغا بېسىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرى سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك «قوشۇش ئەمىلى»نى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ باج يۈكى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك «ئېلىش ئەمىلى»نىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. 2018- يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 185 پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى 5 مىليارد 566 مىليون يۈەن قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ئۆسۈمى كىرىمىدىن بەھرىلەندى، 1 مىليون 740 مىڭ پۇقراۋى كارخانا ئۆسۈمسىز، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئالالايدىغان بولدى. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، باج ئورگانلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 15 ئاز سوممىلىق قەرز شىركىتىنىڭ 19 مىليون 211 مىڭ 700 يۈەن ئۆسۈم كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 1 مىليون 620 مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ مەبلەغ قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى