تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشنى باشلىدى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭنىڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ خەلقئارا يولغا چىقىش D رايونىدىكى چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇشنى ۋاكالىتەن بېجىرىش نۇقتىسىدا 24 سائەتلىك چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى شىنجاڭدىكى تۇنجى چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىدىغان پورت ئايروپورتى بولۇپ قالغان.

  چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇش سىياسىتى چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر باج قايتۇرىدىغان نۇقتىلىق دۇكانلاردىن سېتىۋېلىپ چېگرادىن توشۇپ چىقىدىغان باج قايتۇرىدىغان بۇيۇملارغا بەلگىلىمە بويىچە باج قايتۇرۇش سىياسىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇش مۇلازىمىتىدە، نەق پۇل بىلەن باج قايتۇرۇش ۋە بانكىدىن ھېسابات يۆتكەپ باج قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل باج قايتۇرۇش شەكلى قوللىنىلىدۇ. قايتۇرۇلىدىغان باج سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسە، باج قايتۇرۇش شەكلىنى ئۆز ئالدىغا تاللاشقا بولىدۇ؛ قايتۇرۇلىدىغان باج سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتسە، بانكىدىن ھېسابات يۆتكەش شەكلى ئارقىلىق باج قايتۇرۇلىدۇ.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: چېگرادىن چىققاندا باج قايتۇرۇش شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يۈرۈشلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ باج قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشىنى ئىنتايىن زور قولايلىق بىلەن تەمىنلەپ، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە تاۋار ئېكسپورتىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئايروپورت تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، چېگرادىن چىقىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەرنى تېخىمۇ قولاي بېجىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن باشقا، قورغاس تاشيول پورتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدىمۇ باج قايتۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى