تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى

جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئۆزئارا تەمىنلەش، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ

  1- ئاينىڭ 5- كۈنى، قۇرۇلۇش تېخنىك خادىملىرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا 750 كىلوۋولتلۇق ئۆتكۈزگۈچ سىم تارتىش مەشغۇلاتى قىلماقتا.(مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 5- كۈنى، قەشقەر شەھىرىدىن 60 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر- يەكەن 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيە قۇرۇلۇشى 1- بۆلەك قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ G1018, G1017 يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى مۇنارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ قۇرۇلۇش شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق غول تور رامكىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئۆزئارا تەمىنلەش، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، توك قىس، توك ئاز رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئۇ، شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق مارالبېشى، قەشقەر تىرانسفورموتور پونكىتىدىن باشلانغان بولۇپ، مارالبېشى- يەكەن، يەكەن- خوتەن، قەشقەر- يەكەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يوللاش- بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھەم يانداش قۇرۇلۇشىدىن تەركىب تاپقان، يېڭىدىن قۇرۇلغان يەكەن، خوتەن ئىككى 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىنىڭ لىنىيەسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى قەشقەر، يوپۇغا، مارالبېشى، پەيزاۋات، يەكەن، پوسكام، قاغىلىقتىن ئىبارەت يەتتە ناھىيە، شەھەر بىلەن خوتەن ۋىلايىتىدىكى گۇما، قاراقاش، خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيەدىن ئۆتىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 726 كىلومېتىر بولۇپ، كۇچا- ئاقسۇ- مارالبېشى- قەشقەر 750 كىلوۋولتلۇق توك يوللاش لىنىيەسىنىڭ جەنۇبقا ئۇزارتىلىشى ۋە كۈچەيتىلىشى ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلۇش 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى باشلانغان بولۇپ، 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بى شۆيۈ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە يەكەن، خوتەندىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىككى 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەش، سىناش باسقۇچىغا كىردى. قۇرۇلۇش ئومۇمىي لىنىيەسىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى بۇ قۇرۇلۇش ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

  جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تور رامكىسىنىڭ قۇرۇلمىسى 220 كىلوۋولتتىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ 750 كىلوۋولتقا يەتكۈزۈلىدۇ، قەشقەر- يەكەن- مارالبېشى- يەكەن توك يوللاش سىغىمچانلىقىنى 500 مىڭ كىلوۋاتتىن 1 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قەشقەر- قىزىلسۇ ئېلېكتىر تورىدىن خوتەنگە توك يوللاش سىغىمچانلىقى 200 مىڭ كىلوۋاتتىن 500 مىڭ كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلىدۇ.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات- پىلان بۆلۈمى ئالدىنقى قارارلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ليۇ كۈي مۇنداق دېدى: «ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى <ئادەتتىكى يول>دىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ <يۇقىرى سۈرئەتلىك يول> قىلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پىلاندىكى تارىمنى ئايلىنىدىغان چوڭ ھالقا تورى ھەم قەشقەر- قىزىلسۇنى ئايلىنىدىغان كىچىك ھالقا تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنىڭ تۇنجى قېتىم خوتەن ۋىلايىتىگە ئۇزارتىلىشى. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قۇياش ئېنېرگىيە بايلىقىنى زور كۆلەمدە ئېچىپ پايدىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ توكىنى ئۆزئارا يەتكۈزۈش، ئۆزئارا تولۇقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇپ سەپلەش ۋە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».

  پىلان بويىچە، قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان پاكىز ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش مىقدارى يىلىغا 3 مىليون 130 مىڭ توننا كۆمۈر سەرپىياتىنى تېجىگەنگە باراۋەر كېلىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، يىلىغا 10 مىليارد يۈەن سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن؛ 51 مىليارد 800 مىليون يۈەن مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدىكەن، تەخمىنەن 2800 ئىش ئورنىنى كۆپەيتىدىكەن، 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ۋاسىتىلىك ھەل قىلىدىكەن.

  پىلانغا ئاساسەن، «13- بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىغا جەمئىي 84 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، شىنجاڭ ئىچى 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى داۋاملىق تېزلىتىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى قاپلىغان 750 كىلوۋولتلۇق غول تور رامكىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورى بىلەن «ئۈچ يول، ئالتە قايتما يول»غا تۇتاشتۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى