ــــ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ شياۋشى
بەزى مۇھىم تۈگۈنلەرگە ۋاقىتنىڭ سالمىقى بەلگە قىلىپ سېلىنغان، ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ كوردىناتى ئويۇلغان بولىدۇ.
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ بېكىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تەسۋىرلەپ بەردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى.
تارىخ قەيەردىن باشلانسا، ئىدىيە تەرەققىياتىمۇ شۇ يەردىن باشلىنىشى كېرەك.
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋەزىيىتىدە ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياسىدى.
2018- يىلى 8- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، «تەشۋىقات، ئىدىيە سېپى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش مۇھىم باسقۇچىغا كىردى» دەپ كۆرسىتىپ، «تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، كۈچىيىش!
تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇستەھكەم ئىدىيە كاپالىتى ۋە كۈچلۈك مەنىۋى كۈچكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)