تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ-ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەربىي ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ-ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك

1-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەربىي ئىشلار خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

1-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەربىي ئىشلار خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە، شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ 2019-يىلىدىكى 1-نومۇرلۇق پەرمانىنى ئىمزالاپ، پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىقنى باشلاش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقارماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شۈەنلياڭ، مېي شىشيۇڭ). مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەربىي ئىشلار خىزمىتى يىغىنى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى-سىرتى ۋەزىيىتى ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ھەربىي ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پۈتۈن ئارمىيەنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە يېتەكلەپ، ھەربىي خىزمەتنى كۈرەش جەريانىدا كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن بەلگە خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن ئارمىيە قەتئىي ئىرادە پەزىلىتى، جانلىق ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكا، كۈچلۈك ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە كەسكىن كۈرەش سىناقلىرىغا بەرداشلىق بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك مۆلچەرلەشكە بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش تەس بولغان خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار كۆپىيىۋاتىدۇ. پۈتۈن ئارمىيە دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، كۈلپەت ئېڭى، كىرىزىس ئېڭى، ئۇرۇش قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى تۇرغۇزۇش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا قوماندانلىق تايىقىنى تۇرغۇزۇش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنى تۇرغۇزۇش كېرەك. جەڭگىۋار قوشۇن ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر ۋە قۇرۇلۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى ۋە بايلىقىنىڭ ھەممىسىنى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشنى پىلانلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرەر ئىش كۆرۈلگەن ھامان تېز سۈرئەتتە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى خۇسۇسىيەتلىك جەڭگىۋار كۈچنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئۇرۇشقا مايىللاشقان ھەربىي مەشىقنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ قويۇۋەتمەي، داۋاملىق كۈچەپ، مەسىلىنى بىرمۇبىر ھەل قىلىپ، نەتىجە-ئۈنۈم قازىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، بىزنىڭ بۇ قەھرىمان خەلق ئارمىيەمىزنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ جەڭگىۋار قىلىپ ئورتاق قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا «مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى»نى ئوقۇدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتىكى ئون ئۈلگىلىك ئورۇن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتىكى 20 ئۈلگىلىك شەخس تەقدىرلەندى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن ئوبيېكتلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۈلگىلىك شەخسلەرنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى، ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ 2019-يىلىدىكى 1-نومۇرلۇق پەرمانىنى ئىمزالاپ، پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىقنى باشلاش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.