تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىمەن

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئابدۇجاپپار مىجىت

  مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەرگە يەتكۈزگەن زىيىنىنى كۆرگىنىمدە، مەن دائىم ئۆزۈمگە سوئال قويىمەن: «ئۈچ خىل كۈچ» ئۇزاقتىن بۇيان يالغاننى توقۇپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، ئاق- قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئاممىنى «غازات» قىلىشقا ئالدىدى؛ دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى بىگۇناھلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈشكە قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى؛ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەيدىغان، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالمايدىغان قىسمەن ئامما خاتا ئىدىيەنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، جىنايەت يولىغا ماڭدى؛ پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كۆرۈنۈشتە پارتىيەنى ھىمايە قىلغاندەك بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن پارتىيەگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ھېسداشلىق قىلدى، ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ ۋە قوللاپ، ئۇلارنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولدى، ئۇلارنىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى بولدى. بۇنداق ئەھۋاللار ئالدىدا، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ ئاۋازىمىز قەيەردە؟ نېمە ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ رەددىيە بەرمەيمىز؟ قارشى تۇرمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاممىنى خالىغانچە زەھەرلىشىگە يول قويىمىز؟ بىز پارتىيەگە ھەقىقىي سادىق بولالىدۇقمۇ-يوق؟ نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ھەركۈنى مەن پارتىيەگە سادىق، دەپ توۋلايدۇ- يۇ، ئەمما ھەرىكىتى شۇنداق ئاستا، تەۋرىنىدۇ؟

  سادىق بولۇش كۈندە ئېغىزدا توۋلايدىغان شوئار ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت. پەقەت قەلبتىن ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ھەقىقىي ئېتىراپ قىلغاندىلا، ئاندىن ھەرىكەتتە پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: قەتئىي ھالدا ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، ھەر مىللەت خەلق پەقەت ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىغاندىلا، ئاندىن ئىستىقبال تاپالايدۇ، ئاندىن ئۈمىد بولىدۇ. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، تارىختا جۇڭگو ۋە جۇڭخۇا مىللىتى باشتىن- ئاخىر ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ ۋە بىرىكىپ كەلدى، دۆلەت زېمىنى بۆلۈنگەن مەزگىللەرمۇ، بىرلىككە كەلگەن مەزگىللەرمۇ بولدى، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىپ راۋاجلىنىشى باشتىن- ئاخىر ئاساسلىق يۆنىلىش بولۇپ كەلدى. مەن «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى رەسمىي يوسۇندا شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئىچكى مالىمانچىلىق، تاشقى خەۋپ ئەۋج ئالغان، نامراتلىق، ئاجىزلىق يامرىغان كونا جۇڭگودىمۇ جاھانگىرلار ۋە مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتەلمىگەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۈنسايىن قۇدرەت تېپىپ، جۇڭخۇا مىللىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن بۈگۈنكى كۈندە، سەنلەرنىڭ شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇشۇڭ، ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسۇماقچى بولغىنىدەك ئۇخلىماي چۈش كۆرگىنىڭ! بىز ھەربىرىمىز دۆلەت ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئۆزىمىزنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى قىلىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي، تەلتۆكۈس كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  مەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: قەتئىي ھالدا جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىمەن. جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى؛ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ شەكىللىنىشى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك بىرلىكىدىكى جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ ئېچىلىشى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تارىخىي مۇقەررەرلىك؛ دۆلىتىمىز تارىخىدا شىنجاڭ ئەزەلدىن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتالغان ئەمەس، قانداقتۇر «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» دېگەن نەرسە تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» سەپسەتىسىنىڭ ماھىيىتى جۇڭگونى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، ئىچكىرى جايلاردىكى مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى؛ ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش ۋە ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن، ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس. شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مىللەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ كەلگەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش- ئۇيۇشۇشى، جاسارەت بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلىشى باشتىن- ئاخىر ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كەلگەن. ھەربىرىمىز چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئورتاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

  مەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: قەتئىي ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىمەن. قەدىمدىن تارتىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇلۇپ، يۇغۇرۇلۇپ كەلگەن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ كەلگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەداشلىق مۇناسىۋىتى يوق؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ جېنى؛ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتىكى تارىخىي تەجرىبە. بىز ھەربىر جۇڭگو پۇقراسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىمىز.

  مەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: قەتئىي ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىمەن. پارتىيەنىڭ سىياسىتى، بولۇپمۇ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، كۆپچىلىككە ھەقىقىي ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھازىر موتوسىكلىت، توكسىكلىت ئاساسەن ئومۇملاشتى، قىسمەن ئائىلىلەردە يەنە پىكاپ بار بولدى، ھازىر تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. قېرىنداشلار، كىم بىزگە مۇشۇنداق گۈزەل تۇرمۇشنى يارىتىپ بەردى؟ كىم بىزنى ئىززەت-ئابرۇيىمىز بىلەن، قەدىر-قىممىتىمىز بىلەن ياشىغۇزدى؟ دەل بىزنىڭ ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەمىز ۋە بىز باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم. پەقەت پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، بىز ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز، بىزنىڭ ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىمىز بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى