تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش

——چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئەن بېي، ليۇ خۇڭشيا، خې شىنرۇڭ، ۋۇ خۈييىڭ

  بۇ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە——

  2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، چۇڭچىڭ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. باشەنشۇشۈيدىن جياڭنەندىكى سۇ يۇرتىغىچە، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسى يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى.

  2018-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ۋۇخەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى كوردىناتىنى پىلانلىدى.

  ئۈچ يىل ۋاقىتتا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن باش كۆتۈردى.

  سۈزۈك سۇلار، يېشىل تاغلار بايلىق ئىشىكىنى «چېكىپ ئاچتى»

  قىش كۈنلىرى، جياڭشى ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرىنىڭ نەنفېڭ ناھىيەسىدىكى گۈەنبىشاڭ جۈزىزارلىقى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر مىغىلداپ كېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەنفېڭ جۈزىزارلىقنى باغچىغا ئۆزگەرتىپ، تاتلىق جۈزە كەسپى بىلەن مەدەنىيەت ساياھىتى كەسپى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان «تاتلىق كەسىپ»نى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

  فۇجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شياۋ يىنىڭ قارىشىچە، ئېكولوگىيە ئاساسى ياخشى دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئازراق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ھېچنېمە بولمايدۇ، دېگەندىن قەتئىي دېرەك بەرمەيدىكەن. «مۇھىم نۇقتىنى <ئۆزگەرتىش>كە ئەھمىيەت بېرىشكە كۈچەپ، تىرىشىپ فۇجوۋنىڭ سۈزۈك سۈيى، يېشىل تېغى، ھاۋاسىنى مۈلۈك، كاپىتال، مەبلەغكە ئايلاندۇرۇپ، فۇجوۋنىڭ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش كېرەك».

  خەلقئارا ئۆلچەمدە كاربون يىغىش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى بويىچە باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش...... فۇجوۋ ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان يېڭى يولدا ماڭدى. 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئېشىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ %8.8 لىك ئېشىش سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

  فۇجوۋ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش داۋامىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ——

  2018-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ سۇ سۈپىتى كەسمە يۈزىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %77.2 بولۇپ، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن % 10.2 پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ سۇ سۈپىتىنىڭ V خىلدىنمۇ ناچار بولۇش نىسبىتى %1.8 بولۇپ، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %4.6 پوئېنت تۆۋەنلىدى.

  شۇ مەزگىلدە، دەريا بويىدىكى 11 ئۆلكە، شەھەرنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %44.1 كە يەتتى، بۇ 2016- يىلى ۋە 2017- يىلىدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %0.9 پوئېنت، %0.4 پوئېنت يۇقىرى بولدى...

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات زىددىيەتلىك، قارىمۇ قارشى بولماستىن، بەلكى دىيالېكتىك بىرلىككە ئىگە؛ ھەر تەرەپلىمە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماي، يەنە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، «چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانى تىزىسى»نىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكىدە، ئون مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى، 11 يولغا قويۇش لايىھەسى ھەم بىر قاتار قوللاش سىياسەتلىرى تىرەك قىلىنغان يىرىك پىلان سىياسەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ بېرىلدى.

  1361 قانۇنسىز پىرىستاننىڭ ھەممىسى تەرتىپكە سېلىنىپ ۋە ئۆزگەرتىلىپ، بۇنىڭدىن 1254 ى پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلدى ھەم ئېكولوگىيەلىك قايتا كۆكەرتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 107 سى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى؛ «خىمىيە سانائىتى دەريانى ئورىۋېلىش» دەسلەپكى قەدەمدە توسۇپ قېلىندى...

  ۋۇخەن، دەريا بولغاچقا گۈللەنگەن، لېكىن زىيادە ئېچىش تۈپەيلىدىن، دەرياغا يېقىن بارسىمۇ دەريانى كۆرگىلى بولمايدىغان ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ھەتتا كەلكۈننى دەرياغا ئاققۇزۇۋېتىشمۇ بىۋاسىتە توسالغۇغا ئۇچرىغان.

  ھازىر، خەنكوۋ دەريا ساھىلى، ۋۇچاڭ دەريا ساھىلى، خەنياڭ دەريا ساھىلى، خەنجياڭ دەريا ساھىلى... ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 46.9 كىلومېتىر، كۆلىمى 5 مىليون 270 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىنجياڭ كۆكەرتىش بەلبېغى بۇ شەھەرنىڭ «يېشىل مېھمانخانا»سىغا ئايلاندى.

  «<ئىككى تاغ نەزەرىيەسى>نى ئەمەلىيەتتە ياخشى كۆرسەتكەنلىكى جايلاردا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سەۋەبلىك تەسىرگە ئۇچرىمايلا قالماي، ئەكسىچە تېخىمۇ جانلاندى، سۈپەت تېخىمۇ ئۆستى.» جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇش ئەزەلدىن باي بولۇش يولىنى توسۇپ ياتقان <يولۋاس> بولماستىن، بەلكى پايدا ئېلىشنىڭ ۋاسىتىسى».

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملەش

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ئىقتىسادىي قۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە باغلىق. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەم ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن ۋە داۋلى ھەم مۇقەررەر تاللاش.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچىنى شەكىللەندۈردى.

  يېقىندا، شاڭخەي جيادىڭ رايونى جياڭسۇنىڭ سۇجوۋ، جېجياڭنىڭ ۋېنجوۋ بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى بىرىكتۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسى پەن-تېخنىكا «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بېلىتى» مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى. «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بېلىتى» ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق 130 ئورۇننى قاپلىدى، 1705 چوڭ تىپتىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلىدى، باشقا جايدا راسچوت قىلىشنى قوللىدى، بۇ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا بىرتۇتاش ئىشلىتىلىدىغان «ئاشلىق بېلىتى».

  شاڭخەي پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ باشلامچىلىق رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ مول كەسىپ ئاساسىغا تايىنىلىپ، رايونلار ماسلاشقان يېڭىلىق يارىتىش ئورتاق گەۋدىسى ئالدىن بەرپا قىلىنىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان بىر مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى شەكىللەنمەكتە.

  شاڭخەي پۇدۇڭ، ۋۇخەن گۇاڭگۇ، خاڭجوۋ ئالاقە تورى، سۇجوۋنىڭ ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، خېفېيدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چېڭدۇدىكى ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، خۇنەننىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتى، گۈيجوۋدىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات... ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر توپى تېز يېتىلدى. 2017-يىلى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %53.9 كە يەتتى.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى مۇھىم تۈرتكۈچ بەرپا قىلىندى.

  «كېچىدە كېمىگە ئولتۇرۇپ چىڭشىدىن يولغا چىقتىم سەنشياغا، سېغىنساممۇ كۆرۈشۈش تەس بولغاچ كۆزۈم قىيمىغان ھالدا سەپەرگە ئاتلاندىم يۈجوۋغا». يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغلىشىش جەريانىدا باشەن بىلەن شۇشۈينىڭ ئارىلىقى ئۈزلۈكسىز يېقىنلاشتى.

  2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ، چېڭدۇ بىلەن چۇڭچىڭ ئارىسىدىكى قاتناش ۋاقتى بىر يېرىم سائەتكە قىسقاردى. 2019-يىلى، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ ئىككى جاي ئارىلىقىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان چېڭدۇ-داجوۋ-ۋەنجوۋ تۆمۈريولىدا پات ئارىدا ئىش باشلىنىدۇ، ئىككى جاي ئارىلىقىدىكى «قىل قان تومۇر»لار يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلىدۇ.

  چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى قوللاش ھەم دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈش، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەرلەر توپى، چېڭدۇ- چۇڭچىڭ شەھەر توپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، ۋۇخەن دۆلەت مەركىزىي شەھەرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، جېجياڭنىڭ مېڭشاڭ كىچىك بازىرى قاتارلىق كەسىپ بىلەن شەھەر يۇغۇرۇلغان بىرتۈركۈم ئۆزگىچە كىچىك بازارلارنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاساسىي بازىغا ئايلاندۇرۇش......

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  «گويۈەنگاڭ» ئىلگىرى پەقەت چۇڭچىڭدىكى بىر يەر نامى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا سودا ساھەسىدە ئارقا- ئارقىدىن نامايان بولۇشقا باشلىدى.

  2017-يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدا، جۇڭگو-ياۋروپا تۇنجى نۆۋەتچى پويىزى گويۈەنگاڭدىن يولغا چىقىپ، جۇڭگو-ياۋروپا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت چوڭ يولى بىلەن چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولىنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇردى، سۇ-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىدا توشۇلىدىغان ھەر ساندۇق مالدا 1000 يۈەن ئەتراپىدا توشۇش تەننەرخى تېجەپ قېلىندى.

  چوڭ ئېچىۋېتىش چوڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئالتۇن سۇ يولى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تۇتاشتۇردى، شاڭخەي، جېجياڭ، خۇبېي، چۇڭچىڭ، سىچۈەن ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى قۇتۇپىغا تىرەك بولدى.

  2018-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدا 3562 جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قاتناش ئومۇمىي سانىنىڭ %63 ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67 ئاشتى. 2018- يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، دەريا بويىدىكى 11 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %44 كە يەتتى.

  ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنىڭ يەنە يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش

  ئېلىش ئەمىلىنى قوللانغاندا، ئېلىۋېتىدىغىنىمىز مەنپەئەت بولىدۇ، ئۆزگىرىدىغىنى ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئەندىزىسى بولىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.

  مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەشكىللىگەن يوشۇرۇن زىيارەتتە بايقىلىشىچە، بەزى كارخانىلار سىرتنىڭ تەكشۈرۈشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن قانۇنلۇق بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىدىن چىققان سۇ سۈزۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئالدىغا بېكىتىۋالغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىدىن چىققان پاسكىنا سۇ چاڭجياڭ دەرياسىغا قويۇپ بېرىلگەن؛ لىنىيە بويىدىكى بەزى ئېكولوگىيەنى قوغداش رايونى ئىگىلىۋېلىنغان؛ بەزى تۇرمۇش بۇلغىمىلىرى شەھەرنىڭ يامغۇر سۈيىنى يىغىش قۇدۇقىغا تۆكۈلگەندىن كېيىن، چاڭجياڭ دەرياسىغا ئېقىپ كىرگەن. مەسىلىنىڭ ئارقىسىغا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، جازالاش دەل جايىدا بولماسلىق يوشۇرۇنغان، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولماسلىق، ھەتتا يول قويۇپ قانات ئاستىغا ئېلىش، مەنپەئەت قوغلىشىپ تىل بىرىكتۈرۈش يوشۇرۇنغان.

  مەسىلىنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەسىلە، مەسىلىنى كۆرۈپ تۇرۇپ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئېغىر خاتالىق ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىق.

  2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە قوغداشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يول قويماسلىق يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى بۇلغايدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك؛ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك؛ چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنى چىقىرىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش كېرەك...

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇل كەسىپلەر مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى لو گوسەن مۇنداق دېدى: «مەسىلىنى بايقايدىغان مېخانىزم، تەكشۈرۈپ ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، بىر-بىرلەپ ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئورۇنغا قويۇش كېرەك».

  چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنى، ئوڭ-سول قىرغىقى، غول-تارماق ئېقىنلىرى ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە، ئورتاق تۇتۇپ كەڭ كۆلەمدە قوغداشتا «ئورتاق» بولۇش ئاچقۇچ.

  مەنپەئەت توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاشتا ئاچقۇچ تۈزۈمگە تايىنىش، يادرو مەسىلە يۆنىلىشى.

  چاڭجياڭ دەرياسى ھەۋزىسىدىكى «سۇنى كۆپ تەرەپتىن باشقۇرۇش، كۆپ تەرەپتىن تۈزەش» نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسىغا قارىتا، چاڭجياڭ دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى تېز ئالغا سىلجىتىلدى——

  چاڭجياڭ دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ، ئاساسلىقى ھەۋزىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل قىلىندى؛

  پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى تېزدىن ئورنىتىلىپ، قەتئىي ھالدا باشقۇرۇشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق قىرغاق، دەريا بۆلىكى، رايون باشقۇرۇلدى، قەتئىي ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ئوشۇق، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى زور، مۇھىت خەۋپ-خەتىرى گەۋدىلىك كەسىپلەر باشقۇرۇلدى؛

  سۇ مۇھىتى سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ مۇھىتى سۈپىتىدىن سىگنال بېرىلىدىغان بولدى...

  يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىن ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە كەسىپلەرنى سەپلەش قاتارلىق مەنپەئەت مەسىلىلىرىگە قارىتا، «كىم مەنپەئەتلەنسە شۇ تۆلەم بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئېكولوگىيە تۆلىمى مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى——

  يۈننەن، گۈيجوۋ، سىچۈەندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە ئورتاق 200 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ چىشۈي دەرياسى ھەۋزىسىدە توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆلەم فوندى تەسىس قىلدى؛ ئەنخۈي، جياڭسۇ، جېجياڭ، چۇڭچىڭ، خۇبېي، جياڭشى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەر كەينى- كەينىدىن ئۆلكە ئىچى ئېكولوگىيە تۆلىمى مېخانىزمى ئورناتتى.

  دەريا بويىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ماس تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى——

  مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دەريا بويىدىكى 11 ئۆلكە، شەھەر بىلەن چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى «3+1» ئۆلكىلەر ئارا كېڭىشىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۆۋەن ئېقىن، يۇقىرى ئېقىن، ئوتتۇرا ئېقىندا كۆپ قاتلاملىق كېڭىشىش ھەمكارلىق مېخانىزمى رامكىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى...

  بۇ بىر قېتىملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، مەنپەئەت توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مۇجەسسەملەندى؛

  بۇ بىر قېتىملىق ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ھەم بىر پىلاننى ئاخىرغىچە ئىشلەشكە، ھەم تېخىمۇ مۇھىمى جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  مىڭ نەچچە كېچە-كۈندۈزدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسىنىڭ يېڭى قىياپىتى نامايان بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادى ئۈچۈن ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يېڭى يولى ئېچىلدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى