تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىدىكى «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى، قانۇن ئىجراسى پۈتۈن جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمى، مۇھىم، زور قانۇن ئىجراسى قارارىنى قانۇن-تۈزۈم بويىچە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى، قانۇن ئىجراسى پۈتۈن جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمى، مۇھىم، زور قانۇن ئىجراسى قارارىنى قانۇن-تۈزۈم بويىچە تەكشۈرۈش تۈزۈمى (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇپ «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم» دېيىلدى)نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دىققەتنى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنىڭ مەنبەسى، جەريانى، نەتىجىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش− قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇللۇق، بىر پۈتۈنلۈك، بۆسۈش خاراكتېرلىك رولغا ئىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنىڭ ئاشكارا، قېلىپلاشقان، قانۇنلۇق، ئادىل بولۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئىجراسى تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسى تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسى ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۈپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى سىستېمىسى ۋە مەسئۇلىيەت ئېنىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «كىم قانۇن ئىجرا قىلسا شۇ ئاشكارىلاش» پىرىنسىپى بويىچە، ئاشكارىلاش مەزمۇنىنى توپلاش، تارقىتىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئېلان قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاردا ئاشكارىلىنىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ئۆلچىمى، شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت تور بېكىتى ۋە ھۆكۈمەت يېڭى تاراتقۇسى، ئىش بېجىرىش زالىدىكى ئاشكارىلاش تاختىسى، مۇلازىمەت كۆزنىكى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، نەتىجە ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزىق، ئۈن-سىن قاتارلىق خاتىرىلەش شەكىللىرى ئارقىلىق، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى باشلاش، تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قارارى، يەتكۈزۈش، ئىجرا قىلىش قاتارلىق پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەپ، ھەم ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلاپ، قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىز قالدۇرۇش ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇشقا بولىدىغان باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، مەجبۇرىي چېقىش قاتارلىق جىسمانىي ئەركىنلىك، ھاياتىي ساغلاملىق، مۇھىم، زور مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان نەق مەيداندا قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش سورۇنلىرىنى پۈتۈن جەريان بويىچە ئۈن-سىن ئېلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. مۇھىم، زور قانۇن ئىجراسى قارارىنى قانۇن-تۈزۈم بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى مۇھىم، زور قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، قانۇن-تۈزۈم بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك، قانۇن-تۈزۈم بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىن ئۆتمىگەنلىرىگە قارار چىقىرىشقا بولمايدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئىجراسى ئۇچۇرلىرىدا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئىجراسى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى يەنىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم»نى يولغا قويۇشنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم»نى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى، يىل ئاخىرىدىكى ئۈنۈم نىشان باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. خىزمەتتە كۈچ بەرمىگەنلەرنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتتە مەسىلە سادىر قىلىپ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغان ئورۇن ۋە خادىملارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىدلەپ، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى