تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

گاز چىقىرىشى ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئاپتوموبىلنى ھەيدىسە جازالىنىدۇ

«ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ گاز چىقىرىپ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى» يولغا قويۇلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۈنخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گو جۈنگې خەۋەر قىلىدۇ: گاز چىقىرىشى ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئاپتوموبىلنى ھەيدەش، ئاپتوموبىل ئىگىسى ياكى ئىشلەتكۈچى بۇلغىما ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ ئۆلچەشنى رەت قىلىش، بەلگىلىمە بويىچە بۇلغىما تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئورناتماسلىق ياكى ئالماشتۇرماسلىق... 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلغان «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ گاز چىقىرىپ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى»غا ئاساسەن، بۇ قىلمىشلار جازالىنىدۇ.

  «نىزام»دا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ گاز چىقىرىپ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، تەكشۈرۈش ۋە تۈزەش، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلار(توپا تۈرتۈش ماشىنىسى، يول چىڭداش ماشىنىسى، قېزىش ماشىنىسى، قوزۇق قېقىش ماشىنىسى قاتارلىقلار)نىڭ گاز چىقىرىپ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەمدە ئالاقىدار قانۇن جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇنجى قېتىم چىقارغان مەخسۇس موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ گاز چىقىرىپ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە قاراتقان يەرلىك نىزام.

  «نىزام»دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈرۈۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشى بەلگىلەنگەن گاز چىقىرىش ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاتموسفېرانىڭ مۇھىت سۈپىتى ئەھۋالىغا ئاساسەن، گاز چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولغان يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش رايونىنى بېكىتىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ. مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ گاز چىقىرىپ بۇلغاش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرسە بولىدۇ، يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ ئىگىلىرى ياكى ئىشلەتكۈچىلىرى ماسلىشىشى كېرەك.

  موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ گاز چىقىرىشىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى گاز چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىگىلىرى ياكى ئىشلەتكۈچىلىرى رېمونت قىلىپ تۈزىشى ھەم تەلەپ بويىچە قايتا تەكشۈرتۈشى كېرەك؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ گاز چىقىرىشىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلىرىغا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بىخەتەرلىكنى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش بەلگىسىنى تارقاتمايدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى رېۋىزىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شيې فېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «نىزام»دا گاز چىقىرىشى ئۆلچەمگە يەتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى كۆپەيتىلىش بىلەن بىللە، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئارىسىدىكى ئۇچۇر يولى ئېچىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى ۋە قولايلاشتۇرۇلدى.

  شېي فېڭ مۇنداق دېدى:«<نىزام> يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەگەر گاز چىقىرىشى ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئاپتوموبىللار يولغا چىقسا، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى يولدا ئارىلاپ تەكشۈرۈش، يىراقتىن ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، ئۇچۇرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئۇلارغا مۇناسىپ چارە كۆرۈلسە بولىدۇ.»

  شيې فېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى يىراقتىن ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، ئاساسىي شەھەر رايونى ۋە نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىنى قاپلىغان يىراقتىن ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تورىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، دائىملىق، پۈتۈن كۈنلۈك بولغان يۈرۈۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كېرەكسىز گاز چىقىرىش ئەھۋالىنى ئەمەلىي ۋاقىت بويىچە نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خەينەن سەنيا: تيەنياخەيجياۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
  • قومۇل شەھىرى: لوپنۇر كۆلى كالىيلىق تۇز كانىدىكى تۇز كاندۇكلىرى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى
  • قىش ئايلىرىدىكى سۈرەتتەك گۈزەل قابا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى