تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن

سانجى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دولقۇن ئەيسا

  مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا- ئانامنىڭ باشتىن-ئاخىر چىن كۆڭلىدىن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى ماڭا زور تەسىر كۆرسەتكەن. دەل پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە، مەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، مەن باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەسلەپ، ئىشەنچىمنى چىڭىتىپ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردۈم، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىم، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭدىم. نۆۋەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، مېنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سادىقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يادرونى قوغداش، بايرىقىم روشەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمنى پۇختا ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىش، مەقسەتكە يەتمىگىچە جەڭنى قەتئىي توختاتماسلىق مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.

  غايە-ئېتىقادىمنى چىڭىتىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي قايتا-قايتا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇزاققىچە ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىمنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. بارلىق ھەرىكەتتە بۇيرۇققا ۋە قوماندانلىققا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلماي، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن-ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا قەتئىي ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىمەن. مەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەددى- ھېسابسىز جىنايى قىلمىشلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى كەسكىن تەنقىد قىلىمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇش، زوراۋانلىققا قۇترىتىش قاتارلىق جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىپ، پاك- پاكىز تازىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرىمەن، يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىغا مەدەت بېرىمەن. ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئوبيېكتىپ تارىخىي پاكىت ۋە قاراش ئارقىلىق مۈجمەل تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق− بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق− ئاپەت دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان قىلىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەپ، ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر پۇقرانى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدىغان قىلىمەن.

  ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمدە چىڭ تۇرىمەن. مەن باش نىشاننى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بايراق ۋە يۆنىلىش قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز چاقىرىق قىلىش، بىز ھەرىكەتلىنىش، مەركەز تەلەپ قىلىش، بىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي تۆۋەن چەكنى مۇستەھكەم ساقلاش ئىرادىسىنى ۋە ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت، ھەرساھە زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئورتاق ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شۇ ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە تۈرتكە بولىمەن. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەر ساھە ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ مۇقىم بولۇشىنى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى