تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو ئىنسانلار تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە سىلىق قونۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى

 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش كونترول مەركىزىدە تارتىلغان قونۇش جەريانى (كۆرسەتمە سۈرەت). 1- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 10 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې 4- نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىكى جەنۇبىي قۇتۇپ- ئايتكېن ئويمانلىقىدىكى ۋون كارمان سوقۇلما ئازگىلىغا مۇستەقىل قونۇپ، ئىنسانلار تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە سىلىق قونۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لىۋاڭ فوتوسى)

چاڭئې 4- نومۇرلۇق قونۇش ئۈسكۈنىسى كۆزىتىش فوتو ئاپپاراتى C تارتقان قونۇش نۇقتىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى ئاي شارى ئارقا يۈزىنىڭ سۈرىتى. بۇ چاڭئې 4- نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى دۇنياغا ئەۋەتكەن تۇنجى پارچە يېقىن ئارىلىقتىن تارتقان ئاي شارى ئارقا يۈزىنىڭ تەسۋىر سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار چېن فاڭ، خۇ جې) بۇ ئىنسانىيەتنىڭ 1-قېتىم قەدىمىي ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىكى سىرلىق چۈمبەلنى ئېچىشى. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 10 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىكى جەنۇبىي قۇتۇپ-ئايتكېن ئويمانلىقىدىكى ۋون كارمان سوقۇلما ئازگىلىغا مۇستەقىل قونۇپ، ئىنسانلار تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە سىلىق قونۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  تەخمىنەن 380 مىڭ كىلومېتىرلىق، 26 كۈنلۈك ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇچۇشتىن كېيىن، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، چاڭئې 4-نومۇر ئاي يۈزىگە 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى ئايغا قونۇش تەييارلىق ئوربىتىسىغا كىردى.

  بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش كونترول مەركىزىدىكى چوڭ زالدا، نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن، چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئاي يۈزىگە 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئېنېرگىيەلىك تۆۋەنلەشكە باشلىدى، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ سۈرئىتى تەدرىجىي ھالدا نىسپىي ئاي شارى 1.7 كىلومېتىر ھەر سېكۇنتتىن نۆلگە تۆۋەنلىدى.

  ئالتە كىلومېتىردىن سەككىز كىلومېتىرغىچە كېلىدىغان جايدا، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى تېز سۈرئەتتە ھالىتىنى تەڭشەپ، ئاي شارىغا ئۈزلۈكسىز يېقىنلاشتى؛ ئاي يۈزىگە 100 مېتىر قالغان جايدا لەيلەپ توختاپ، توسالغۇ ۋە يانتۇلۇقنى پەرقلەندۈردى ھەم توسالغۇدىن مۇستەقىل ئۆزىنى قاچۇردى؛ نىسبەتەن تەكشى رايوننى تاللاپ بېكىتكەندىن كېيىن، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ تىك تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ئاخىرىدا، تەتۈر ئىتتىرىش موتورى ۋە قونۇشتىكى سوقۇلۇشنى ئاجىزلىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ قوغدىشىدا، بىر توننىدىن ئارتۇق ئېغىرلىقتىكى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىكى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 177.6 گىرادۇس، جەنۇبىي كەڭلىك 45.5 گىرادۇس ئەتراپىدىكى ئالدىن تاللانغان قونۇش رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى.

  چاڭئې 4-نومۇر قونغان رايوننىڭ يەر شەكلىنىڭ ئېگىز- پەسلىك پەرقى 6000 مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ سوقۇلما ئازگىلىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاي شارى ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە دەپ قارالغان.

  «ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزى تېپىلغۇسىز تىنچ جاي بولۇپ، يەر شارىدىن كەلگەن رادىيو سىگنالىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش رادىيو ئاسترونومىيە ساھەسىنىڭ تۆۋەن چاستوتىلىق كۆزىتىش-ئۆلچەش بۆلىكىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تۇمانلىق ئۆزگىرىشنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى ئاي تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 4-نومۇرلۇق ۋەزىپىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يۈ گوبىن.

  ئايغا قونغاندىن كېيىن، «چۆچياۋ» ئوتتۇرا بۆلەك سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ۋاسىتىسىدە، چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قۇياش قانىتى ۋە نىشانلىق ئانتېننانى ئېچىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك خىزمەتنى ئىشلەپ، نىشانلىق ئانتېننا يۇقىرى كود سۈرئەتلىك زەنجىرسىمان يولىنى ئورنىتىپ، ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزى بىلەن يەر يۈزىنىڭ مۇقىم خەۋەرلىشىشىدىكى «كىچىك نىشان»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  سائەت 11 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې 4-نومۇرلۇق قونۇش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىنىڭ تەسۋىر سۈرىتىگە ئېرىشتى ھەم ئۇنى يەر يۈزىگە ئەۋەتتى. بۇ ئىنسانلار تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدە تارتقان بىرىنچى پارچە سۈرىتى.

  كېيىنكى قەدەمدە، چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى «چۆچياۋ» ئوتتۇرا بۆلەك سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئوتتۇرا بۆلەك خەۋەرلىشىشى ئارقىلىق، ئۈسكۈنىنىڭ خىزمەت ئەندىزىسىنى تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پەيتنى تاللاپ يەرگە قونۇش ئۈسكۈنىسى بىلەن كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئايرىۋېتىدۇ.

  چاڭئېنىڭ ئايغا چىقىشىدىن ۋەن خۇنىڭ پەلەككە چىقىشىغىچە، «تيەنيەن» بىلەن كۆزىتىشتىن ئادەملىك ئالەم قاتنىشىغىچە چەكسىز ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى بوشاشماي ئىنتىلگەن ئۇلۇغ ئارزۇ. «مۇشۇ پەيتتە، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلىدىغان بەختلىك كىشىلەر!» چاڭئې 4-نومۇرنىڭ قونغانلىق خۇش خەۋىرىنى ئاڭلاپ، 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» تۆھپىكار ئالىمى، ئاكادېمىك سۈن جيادۇڭ چەكسىز ئىپتىخارلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى