تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

‎2019‎، بىرلىكتە تىرىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلايلى

 ___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ۋاقىت كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىسى ئالمىشىپ، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدۇ، كۈرەش داۋاملىق كۈچىيىدۇكى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدىكى ھەر بىر مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى دەل بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى كوردىناتىمىز.

  «بىز 2018-يىلىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، قەدەمنى ناھايىتى پۇختا ئالدۇق». «2019-يىلى پۇرسەتمۇ، خىرىسمۇ تەڭ مەۋجۇت، كۆپچىلىك يەنىلا بىرلىكتە تىرىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەك». رەئىس شى جىنپىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىلدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلىگەن، قان-تەر ئاققۇزغان مەنزىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، كەلگۈسى بىر يىلدىكى مۇھىم خىزمەت، كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سېلىپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەشچىلەر، ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ياراتقۇچىلار، قوغدىغۇچىلارغا مەدەت بېرىپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادە، مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتنى نامايان قىلدى، مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە ئارزۇغا ئىنتىلىش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  2019- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ 70 يىلدا مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى يەڭدۇق، 70 يىللىق بوران-چاپقۇنلاردىن ئۆتۈپ ئالغا ئىلگىرىلىدۇق، پارتىيەمىز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن، جاھاننى زىلزىلىگە سالغان تارىخنى ياراتتى، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو، ئۈمىدكە تولغان جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى. ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي ئورۇنغا كەلدى. كەينىمىزگە بۇرۇلۇپ باسقان يوللىرىمىزغا قارىساق، نۇرغۇن كىشى شۇنداق ھاياجانلاندىكى، جۇڭگونىڭ بۈگۈنگە يېتىپ كېلىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، ھەم تېخىمۇ ئىشىنىدۇكى، پەقەت كۈرەش قىلغاندىلا، مۇقىم بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسى ئۈچۈن، بۈگۈنكى بىزنىڭ يەنىلا داۋاملىق ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىشىمىزگە، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  2019-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. سىچۈەن لياڭشەندىكى سەنخې كەنتى، شەندۇڭ جىنەندىكى سەنجيەنشى كەنتى، لياۋنىڭ فۇشۈندىكى دۇڭخۇايۈەن مەھەللىسى، گۇاڭدۇڭ چىڭيۈەندىكى ليەنجاڭ كەنتى... رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غېمىنى يېدى، شۇنداقلا بىزگە يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆتكەن ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە جەمئىي 80 مىليوندىن كۆپرەك ئازايدى، ھەر يىلى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، «بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ». بۈگۈنكى بىز ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمىز ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزىمىزدىن مەغرۇرلانساق بولمايدۇ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئازراقمۇ بوشىشىپ قالساق تېخىمۇ بولمايدۇ، جەزمەن بوران-چاپقۇنلاردىن ئۆتۈپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  تىرىشىش ۋە كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ. كارخانىلارنى يەڭگىل جابدۇپ سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى ھەقىقىي ھۆرمەتلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتالايدىغان كادىرلارنى تېخىمۇ غەيرەتكە كەلتۈرۈپ، ئۈمىدكە تولدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى، تاكسى شوپۇرلىرى ھەمدە مىڭلىغان-مىليونلىغان ئەمگەكچىلەرنى ئالقىشلايلى... يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ غەمخورلۇق نەزەرىنى كۈرەشچىلەر توپىغا ئاغدۇردى. يېڭى دەۋر ھەربىر كىشىگە مەنسۇپ، ھەربىر كىشى يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى، ئاچقۇچىسى، قۇرغۇچىسى، كىچىك ئېقىنلار ئاخىرىدا قوشۇلۇپ دەريا-دېڭىزلارنى ھاسىل قىلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىيەت بۇلىقىنى تولۇق ئۇلغايتىپ، ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كىشىلىك ھاياتتا ئۇتۇق قازىنىش سەھنىسىگە ئىگە قىلىپ، سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلساقلا، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ.

  «شامالدا قىلىپ پەرۋاز، كەزدىم تۈمەن چاقىرىمنى، كۆردۈم تاغ-دەريالارنى.» يېڭى يىلنىڭ قۇياش نۇرى زېمىنغا چېچىلدى، 2019-يىلى بىزنىڭ يەنىلا قان-تەر ئاققۇزۇپ تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى يارىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، رولنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، تىرىشىش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە مەنسۇپ دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى