تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئېچىپ، تارىخىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە تارىخشۇناسلىق پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلغانلىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى:

  تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئېچىپ، تارىخىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە تارىخشۇناسلىق پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك

تەبرىك خەت

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلغان پەيتتە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تارىخ تەتقىقات خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  تارىخ بىر ئەينەك، قەدىمكىنى ئۆرنەك قىلغاندا ھازىرقىنى بىلگىلى بولىدۇ، تارىخ ئۆگەنگەندە ئاقىللاردىن بولغىلى بولىدۇ. تارىخقا ئەھمىيەت بېرىش، تارىخنى تەتقىق قىلىش، تارىختىن ئۆرنەك ئېلىش− جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر ئېسىل ئەنئەنە. زامانىمىزدىكى جۇڭگو تارىختىكى جۇڭگونىڭ داۋامى ۋە راۋاجى. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا جۇڭگو تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ، تارىخ ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش داۋامىدا ئەقىل- پاراسەت ئالغىلى، كەلگۈسىگە يۈزلەنگىلى بولىدۇ.

  تارىخ تەتقىقاتى بارلىق ئىجتىمائىي پەننىڭ ئاساسى. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ئىختىساسلىقلار تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى. دۆلىتىمىزدىكى كەڭ تارىخ تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو تارىخى، دۇنيا تارىخى، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، تەتقىقات سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار تارىخ پەنلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئېچىپ، تارىخىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە تارىخشۇناسلىق پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تارىخ تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونى مەۋقە قىلىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، دەۋر باش ئېقىمىدا تۇرۇپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى پىششىق ئىگىلەپ، ئىدىيە ساداسىنى ئالدىن ياڭرىتىپ، ئىدىيەۋى تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە غەربنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان بىر تۈركۈم تارىخشۇناسلارنى يېتىشتۈرۈپ، قەدىمكىنى بىلىپ ھازىرقىغا ئۆرنەك قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخ تەتقىقاتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگونىڭ تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

     2019- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر جۇ جىچەي). جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى بېيجىڭدا قۇرۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تارىخ تەتقىقات خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تارىخ بىر ئەينەك، قەدىمكىنى ئۆرنەك قىلغاندا ھازىرقىنى بىلگىلى بولىدۇ، تارىخ ئۆگەنگەندە ئاقىللاردىن بولغىلى بولىدۇ. تارىخقا ئەھمىيەت بېرىش، تارىخنى تەتقىق قىلىش، تارىختىن ئۆرنەك ئېلىش− جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر ئېسىل ئەنئەنە. زامانىمىزدىكى جۇڭگو تارىختىكى جۇڭگونىڭ داۋامى ۋە راۋاجى. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا جۇڭگو تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ، تارىخ ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش داۋامىدا ئەقىل- پاراسەت ئالغىلى، كەلگۈسىگە يۈزلەنگىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخ تەتقىقاتى بارلىق ئىجتىمائىي پەننىڭ ئاساسى. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ئىختىساسلىقلار تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى. دۆلىتىمىزدىكى كەڭ تارىخ تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو تارىخى، دۇنيا تارىخى، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، تەتقىقات سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار تارىخ پەنلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئېچىپ، تارىخىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە تارىخشۇناسلىق پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تارىخ تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونى مەۋقە قىلىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، دەۋر باش ئېقىمىدا تۇرۇپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى پىششىق ئىگىلەپ، ئىدىيە ساداسىنى ئالدىن ياڭرىتىپ، ئىدىيەۋى تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە غەربنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان بىر تۈركۈم تارىخشۇناسلارنى يېتىشتۈرۈپ، قەدىمكىنى بىلىپ ھازىرقىغا ئۆرنەك قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخ تەتقىقاتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگونىڭ تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  1- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يېڭى دەۋر جۇڭگو تارىخ تەتقىقاتى سۆھبەت يىغىنى ھەم جۇڭگو تارىخ تەتقىقاتى يۇرتىغا ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو تارىخ تەتقىقاتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنى ياخشى باشقۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تارىخ تەتقىقات تالانتلىقلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، تەتقىقاتىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخ تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارىمىقىدىكى ئالاقىدار تەتقىقات ئورۇنلىرى ئاساسىدا تەشكىللەپ قۇرۇلغان، قارىمىقىدا جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى بۆلۈمى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، قەدىمكى زامان تارىخى تەتقىقات ئورنى، يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقات ئورنى، دۇنيا تارىخى تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنى، تارىخ نەزەرىيەسى تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تارىخ تەتقىقات خىزمىتىگە بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىش، بايلىق ۋە كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش، جۇڭگو تارىخىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تارقىتىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى زىممىسىگە ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.