تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور خىتابنامە

  خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، مەركەز «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، يېڭى دەۋردىكى تەيۋەن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك سۆز، يېڭى دەۋردىكى تەيۋەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جەزمەن چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  1979- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە»نى ئېلان قىلىپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېننى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. بۇ، تەيۋەن خىزمىتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي سەھىپە ئاچتى.

  تارىخنى ئەسلەش بۈگۈنگە ئىلھام بولۇش، ئەتىگە بېشارەت بېرىش ئۈچۈندۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە»نى ئېلان قىلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلدى، بىزنىڭ مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور سىياسەت تەشەببۇسىمىز ئومۇميۈزلۈك شەرھلەندى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشى چوڭقۇر، ئوچۇق جاكارلاندى. باش شۇجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، ئىككى قىرغاق ئوخشاشلا بىر جۇڭگوغا تەۋە بولغان تارىخ ۋە قانۇنىي پاكىتنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ! ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق، قان قېرىنداشلارچە، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان تەبىئىي ھېسسىيات ۋە مىللەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ! تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى تىنچلىققا، مۇقىملىققا يۈزلىنىدىغان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدىغان دەۋر ئېقىمىنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ توسۇيالمايدۇ! دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ تېخىمۇ توسۇيالمايدۇ! ۋەتەن چوقۇم بىرلىككە كېلىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىدۇ، بۇ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ تارىخىي ھۆكۈمى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە مىللەتنىڭ گۈللىنىش يېڭى مۇساپىسىدە ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قانداق ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت دەۋر تېمىسىغا ئىلمىي جاۋاب بېرىلىپ، يېڭى دەۋردە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ۋە ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى بەش تۈرلۈك مۇھىم، زور تەشەببۇس تەنتەنىلىك جاكارلاندى: قول تۇتۇشۇپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ «ئىككى تۈزۈم» تەيۋەن لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش ئەمەلىيىتىنى بېيىتىش؛ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قوغداش؛ ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش؛ قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش. باش شۇجى مۇنۇلارنى تەنتەنىلىك تەشەببۇس قىلدى: «92- يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق سىياسىي ئاساستا، ئىككى قىرغاقتىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر، ھەرساھەلەر ۋەكىللىك زاتلارنى سايلاپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا كەڭ، چوڭقۇر دېموكراتىك كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ھاسىل قىلدى. بەش تۈرلۈك مۇھىم، زور تەشەببۇستا دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نىشانى، ماھىيەتلىك مەزمۇنى، تۈپ فاڭجېنى، يول ئەندىزىسى سىستېمىلىق شەرھلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي پىكىر يولى، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى، بۇ ھەم پىرىنسىپال قەتئىيلىككە ھەم ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە ئىنتايىن چوڭ سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، قالتىس سىياسىي جاسارەت ۋە سىياسىي ئەقىل- پاراسەتنى نامايان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتى مۇپەسسەل بايان قىلىندى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت- سائادىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىچكى باغلىنىشى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلدى. باش شۇجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەيۋەننىڭ ئىستىقبالى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە باغلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت- سائادىتى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەيۋەن مەسىلىسى مىللەتنىڭ ئاجىز بولۇشى ۋە مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، چوقۇم مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ئاخىرلىشىدۇ. سۆز ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا ئورتاق كۈرەش قىلىش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، كىشى قەلبىنى زوقلاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئىگە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە داۋاملىق ئالدى بىلەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشنى قايتا تەكىتلىدى. «يۇرتداشلار بىر- بىرىگە بەخت تىلەيدۇ، جۇڭگولۇقلار جۇڭگولۇققا ياردەم بېرىشى كېرەك»، باش شۇجى سۆزىدە ئىككى قىرغاقتىكىلەر تۇتاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم تۇتاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەيۋەننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايىغا بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى ۋە كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بولغان كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، سۆزى سەمىمىي، مۇھەببىتى چىن بولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان كەسكىن، ھەققانىي مەيدانىنى جاكارلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە قۇدرەتلىك ئىقتىدارىنى قايتا تەكىتلىدى. «بىرلىككە كېلىش تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش، توغرا يول، <تەيۋەن مۇستەقىللىقى> تارىخىي تەتۈر ئېقىم، تۇيۇق يول». «بىز تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بېرىشنى خالايمىز، بىراق ھەر خىل شەكىلدىكى <تەيۋەن مۇستەقىللىقى> بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىز ھەرقانداق بوشلۇق قالدۇرمايمىز». «جۇڭگولۇقلار جۇڭگولۇقلار بىلەن ئۇرۇشمايدۇ. بىز ئەڭ زور سەمىمىيىتىمىز، ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز، چۈنكى تىنچ ئۇسۇلدا بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ۋە پۈتۈن مىللەتكە ئەڭ پايدىلىق. بىز قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىمىز دەپ ۋەدە بېرەلمەيمىز، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تاللاشنى ساقلاپ قالىمىز، بۇ تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى <تەيۋەن مۇستەقىللىقى> بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان، ھەرگىزمۇ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا قارىتىلغان ئەمەس». باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان قىزىل سىزىق سىزىپ بېرىپ، قۇدرەتلىك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈردى.

  مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ھەققانىيلىق، خەلقنىڭ ئارزۇسى. ئىلگىرىلەش يولى ھەرگىز ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، بىراق بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئورتاق كۈرەش قىلسىلا، چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايدۇ، چوقۇم ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىدەك ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئورۇندىيالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى