تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىمەن

  ئاۋات ناھىيەلىك ئورمان ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى قاھارجان زىيا

  مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شىنجاڭلىق، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى، پارتىيەلىك كادىر. پارتىيە ۋە دۆلەت باشتىن- ئاخىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن- ئاخىر ھەر مىللەت خەلققە كۆڭۈل بۆلدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر ۋاقىت شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقنىڭ غېمىنى يېدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ غېمىنى يېدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى بولمىسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، مۇقىم، ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بىز سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلىشىمىز كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىللەت، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. «ئۈچ خىل كۈچ» ئاۋات - باي، تىنچ - ئىناق بولۇشقا يۈزلەنگەن سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار ۋەتەننى پارچىلاش، شىنجاڭنى مالىمان قىلىش يامان غەرىزىدىن يانمىدى، بىز ھوشيارلىقىمىزنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويماي، «ئۈچ خىل كۈچ»كە پايدىلانغۇدەك ھېچقانداق پۇرسەتنى ھەرگىز بەرمەسلىكىمىز كېرەك.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى شەرەپلىك ئەنئەنىسى، بولۇپمۇ بېيىشنى كۆزلەش، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش، مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. مەن جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى، مېنىڭ قەلبىمدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى تاللاشتىكى سەۋەب شۇكى، بۇ كەسىپ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدۇ، ھەققانىيەت كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. كىچىكىمدىن تارتىپ پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن، پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سىياسىي مەيدانىمنى چىڭىتىپ، ئۆز تەربىيەلىنىشىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، دۆلەتكە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، قانۇنغا سادىق بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىمەن. مەن رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سەپداشلىرىم شۇنداقلا ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىللە، ئورتاق ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن، ئورتاق ھالدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىمەن، ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرىمەن، ئورتاق ھالدا مۇقىملىقنى قوغدايمەن، يۇرت- ماكانىمىزنى قوغدايمەن.

  بىز جەزمەن سەگەكلىك بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل غەرىزىنى ئېنىق تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى دادىل كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى دادىل كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز سۆزلەرنى قىلماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز ئىشلارنى قىلماي، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا، بايراقنى روشەن قىلىش، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي قانات ئاستىمىزغا ئالماي، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ئۇلارنى قەتئىي پاك- پاكىز يوقىتىشىمىز كېرەك.

  «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پەقەت پوزىتسىيەنى ئىپادىلەپلا قويىدىغان ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس، بەلكى بىز ھەر بىرەيلەن ئۆز خىزمىتىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىشنى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشتىن باشلاپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىشىمىز كېرەك. بىز پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، دۈشمەننىڭ ئېشىپ كەتكەن ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىپ، ساداقىتىمىز ۋە ئىسسىق قېنىمىز بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىشنىڭ قەيسەر جەڭچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • چاتما ئوق پويىز بىلەن چاغانلىق يولۇچى توشۇشنى كۈتۈۋېلىش
  • ئۈرۈمچى تۇنجى نۆۋەتلىك قار شادلىقى بايرىمى خەلق باغچىسىدا باشلاندى
  • ئاسىيا قىتئەلەر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز كوماندىسى سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى