تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغدايمەن

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سەلتەنەت قىنايات

  شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ يۇرت - ماكانى، بولۇپمۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق يۇرت - ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئەمما، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمىدى. «ئۈچ خىل كۈچ» بىمەنە سەپسەتە ئويدۇرۇپ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، دىنىي تەلۋىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. كادىرلار قوشۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە «ئىككى پان» ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھە دەپ تارقاتتى ۋە تاراتتى، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچومىقى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى.

  ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەر بىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىمەن. باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىسى بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىمەن. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغدايمەن.

  بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى چىڭىتىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرىمەن.

  شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، توغرا تونۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئىككى پان» قاتارلىق خاتا پىكىر ئېقىملىرىنى تەنقىدلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ تارىخىي مەسىلىدىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل غەرىزىنى ئېچىپ تاشلايمەن، خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ، خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئىدىيەۋى ئاساس سېلىپ، قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىمەن، ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، قوغدىغۇچىسى، ھىمايىچىسى بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

  كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئاڭلىق ھالدا باش نىشاننى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاتاكىغا ئۆتىمەن. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلققە ۋەكىللىك قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە ئېغىر خەۋپىنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى