تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ قەتئىي، كەسكىن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تۇرغۇن سېيىت

  مەن كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئاتا - ئانام دائىم بىز بىرنەچچە قېرىنداشقا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكى توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. شۇ چاغلاردىن باشلاپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئىسىم قەلبىمگە نەقىشلىنىپ، خۇددى بىر تال ئۇرۇقتەك قەلبىمدە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرگەنىدى، مەنمۇ كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش، ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەنىدىم. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، مەن باشتىن- ئاخىر قەلبىمدىكى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ شەرەپلىك كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە، يېزا - بازاردىكى ئاددىي بىر كادىردىن قەدەممۇقەدەم ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم، مەن پارتىيەنىڭ مېنى تەربىيەلىگەنلىكىگە ۋە ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدە چەكسىز خۇشاللىق جىلۋىلەنمەكتە.

  «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ئاممىنى ئالداپ ۋە مەجبۇرلاپ، مىللى ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلىرى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار ۋەتەننى پارچىلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  بۇ يەردە، مەن ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنداق مۇراجىئەت قىلىمەنكى: بىز كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرىشىمىز ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى بىر مەيدان ھايات - ماماتلىق كۈچ سىنىشىشتۇر، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. مەن ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئەۋزەللىكىم ۋە رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئاممىنى دوستنى يىغلىتىپ، دۈشمەننى كۈلدۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن. مەن ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچ بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك كۈچ قوشىمەن.

  بۇ يەردە، مەن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنداق نەسىھەت قىلىمەنكى: يەنىلا «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ، يەنىلا بىپەرۋالىق قىلىۋاتقان، ھەتتا ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولىدىغان ئاشۇ كىشىلەر، سىلەر ئەمدى يەنە خۇپسەنلىك قىلماڭلار، ئەمدى يەنە تاش يۈرەك، رەھىمسىز بولۇۋالماڭلار، ئەمدى يەنە بىخۇد بولۇۋالماڭلار، ئەمدى يەنە «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا تاقەت قىلىپ تۇرماڭلار! بىز ھەر بىر كادىر، ئامما ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، بايرىقىمىز روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك.

  بۇ يەردە، شۇنداق قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەنكى: ئوچۇق يەردە بىر خىل، ئارقىدا بىر خىل بولىدىغان، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئاستىرتىن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان، پۇرسەت كۈتۈپ دېلو سادىر قىلىدىغان، خام خىيالىدا بولىدىغان ئاشۇ «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»، سەنلەرنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولۇڭ بارلىق خام خىيالنى تاشلاپ، دەرھال جىنايەتلىرىڭنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزلىرىڭنى مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر، ئەگەر سەنلەر يەنىلا تەلەي سىناپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشسەڭ، ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق.

  بۇ يەردە، تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن- ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، قەتئىي ھالدا بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى