تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى جەنشۇ قاتناشتى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

1-ئاينىڭ 2-كۈنى، «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن جيەنشىڭ، جا ۋېنيې). «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خەلققە ۋاكالىتەن كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چىن قەلبىدىن بەخت تىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنى تاللىغىلى بولمايدۇ، ھازىرنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. يېڭى دەۋر جۇڭخۇا مىللىتى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىدىغان، زور نەتىجىلەرنى يارىتىدىغان دەۋر، شۇنداقلا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىدىغان، زور نەتىجىلەرنى يارىتىدىغان دەۋر. ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، بىراق، بىز بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئورتاق كۈرەش قىلساقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش گۈزەل كەلگۈسىنى چوقۇم ئورتاق يارىتالايمىز، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى چوقۇم ئورۇندىيالايمىز.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 1949-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقى باشتىن-ئاخىر تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغان تارىخىي ۋەزىپە قىلدى. بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي تىركىشىشتىن پەسىيىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىنچ تەرەققىيات يولىغا قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، ئىككى قىرغاق ئوخشاشلا بىر جۇڭگوغا تەۋە بولغان تارىخىي ۋە قانۇنىي پاكىتنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ! ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق، قان قېرىنداشلاردەك ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان تەبىئىي ھېسسىيات ۋە مىللەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ! تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى تىنچلىققا، مۇقىملىققا يۈزلىنىدىغان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدىغان دەۋر ئېقىمىنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ توسۇيالمايدۇ! دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ تېخىمۇ توسۇيالمايدۇ!

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تارىخنى ئەسلەش بۈگۈنگە ئىلھام بولۇش، ئەتىگە بېشارەت بېرىش ئۈچۈندۇر. ۋەتەن چوقۇم بىرلىككە كېلىشى كېرەك، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىدۇ. بۇ، 70 يىللىق ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ تارىخىي ھۆكۈمى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلار، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى مىللىي ئادالەتنى تەڭ ياقلاپ، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ئۇيغۇنلىشىشى، ئورتاق ھالدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا بەش تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، قول تۇتۇشۇپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ھەققانىيلىق، خەلقنىڭ ئارزۇسى. ئارىلىق يېقىن تۇرۇپمۇ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشالماسلىقى، ئىككى قىرغاقنىڭ ھازىرغىچە تولۇق بىرلىككە كېلەلمەسلىكى تارىخ جۇڭخۇا مىللىتىگە قالدۇرغان جاراھەت. ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلار ئورتاق تىرىشىپ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تارىخىي جاراھەتنى ساقايتىشى كېرەك. تەيۋەننىڭ ئىستىقبالى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە باغلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىشنىڭ توغرا يولى. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئورتاق تۈرتكە بولۇشى، ئۇنى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئورتاق قوغدىشى، ئۇنىڭدىن ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش شان-شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. تەيۋەن مەسىلىسى مىللەتنىڭ ئاجىز بولۇشى ۋە مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، چوقۇم مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ئاخىرلىشىدۇ.

  ئىككىنچى، «ئىككى تۈزۈم» تەيۋەن لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش ئەمەلىيىتىنى بېيىتىش. «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆڭلى-كۆكسى دېڭىزدەك كەڭرى بولۇش، ھەممىنى سىغدۇرۇشتەك جۇڭخۇا ئەقىل-پاراسىتى نامايان قىلىنغان، ھەم تەيۋەننىڭ رېئال ئەھۋالى تولۇق كۆزدە تۇتۇلغان، ھەم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى تەيۋەننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پايدىلىق. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ تەيۋەندىكى كونكرېت ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شەكلىدە تەيۋەننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى تولۇق كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى ھەر ساھەنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى تولۇق قوبۇل قىلىنىدۇ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە ھېسسىياتىغا تولۇق ئېتىبار بېرىلىدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىشى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئائىلە ئىشى بولۇپ، ئەلۋەتتە ئائىلىدىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ ئىش كۆرۈشى كېرەك. تىنچ بىرلىككە كېلىش−باراۋەر كېڭىشىش، بىرلىككە كېلىشنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىشتۇر. ئىككى قىرغاقتىكى ئىككى تەرەپ مىللەتكە، كېيىنكى دەۋرگە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئەقىل-پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، ئىجادىيلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، پەرقلەرنى تۈگىتىپ، سىياسىي قارشىلىشىشنى بالدۇرراق تۈگىتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەنزىلىگە يېتىپ، ئەۋلادلىرىمىزنى خاتىرجەم، تىنچ، گۈللەنگەن، قەدىر-قىممەتكە ئىگە ئورتاق يۇرت-ماكاندا ياشاش، ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا، تەيۋەندىكى ھەرقانداق پارتىيە، تەشكىلاتنىڭ بىز بىلەن بولغان ئالاقىلىشىشىدە توسالغۇ مەۋجۇت ئەمەس. سۆزلىشىش ئارقىلىق قارشىلىشىشنىڭ ئورنىنى، ھەمكارلىق ئارقىلىق تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئورنىنى، قوش پايدا ئېلىش ئارقىلىق نۆل يىغىندىلىقنىڭ ئورنىنى ئالغاندىلا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ. بىز شۇنى تەنتەنىلىك تەشەببۇس قىلىمىزكى، «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق سىياسىي ئاساستا، ئىككى قىرغاقتىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر، ھەرساھەلەر ۋەكىللىك زاتلارنى سايلاپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا كەڭ، چوڭقۇر دېموكراتىك كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قوغداش. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاندىلا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغىلى ۋە راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدىن چەتنىگەندە، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك، داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدۇ. بىرلىككە كېلىش تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش، توغرا يول. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تارىخىي تەتۈر ئېقىم، تۇيۇق يول. كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار شەرەپلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە، بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز. بىز تەيۋەن خەلقىگە ئۈمىد بېغىشلاش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرىكىدەكلا تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ھۆرمەتلەپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا كۆيۈنۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا تايىنىپ، جان دىلىمىز بىلەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمىز، ئۇلارنىڭ قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز. جۇڭگولۇقلار جۇڭگولۇقلار بىلەن ئۇرۇشمايدۇ. بىز ئەڭ زور سەمىمىيىتىمىز، ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز، چۈنكى، تىنچ ئۇسۇلدا بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش−ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ۋە پۈتۈن مىللەتكە ئەڭ پايدىلىق. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تىنچلىقنى ئورتاق كۆزلىشى، تىنچلىقنى ئورتاق قوغدىشى، تىنچلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش ئاساسىنى پۇختىلاش. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تومۇرداش. يۇرتداشلار بىر-بىرىگە بەخت تىلەيدۇ، جۇڭگولۇقلار جۇڭگولۇقلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك. بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇپ، داۋاملىق ئالدى بىلەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز. تىنچ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، تەيۋەن مەڭگۈ تىنچ بولىدۇ، ئاۋام خاتىرجەم ياشايدۇ. قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز تايانچ بولسا تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ، تېخىمۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ، تەرەققىيات بوشلۇقى تېخىمۇ زور بولىدۇ، خەلقئارادىكى قەددى تېخىمۇ رۇسلىنىدۇ، غەيرىتى تېخىمۇ تولۇپ تاشىدۇ، تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ، تېخىمۇ قەدىر-قىممەتلىك بولىدۇ. بىز ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى تۈزۈملەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى قىرغاق ئورتاق بازىرىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ھەمكارلىقىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىنى زورايتىشىمىز كېرەك.

  بەشىنچى، قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش. دۆلەتنىڭ روھى مەدەنىيەتتىن يېتىلىدۇ، مەدەنىيەتتىن تاۋلىنىدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ يىلتىزى بىر، مەنبەسى بىر، مەدەنىيىتى بىر، ئىرقى بىر، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلب يىلتىزى، تومۇرى ۋە ماكانى. كىشىلىك ئالاقىدە سىردىشىش ئەڭ مۇھىم. مەيلى قانچىلىك كاشىلا ۋە توسالغۇغا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى توختىتىپ قويۇشقا، ئۈزۈپ قويۇشقا، ئازايتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئورتاق ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشىنى، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، سۆزلىشىپ، كەڭ قورساق بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ غېمىنى يەپ، بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. قېرىنداشلىق رىشتىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش ھېسسىياتتا بولۇپ، توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە تەربىيە بېرىپ، ئۇلۇغ مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشى، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈشى، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىشى كېرەك. بىز تەيۋەن ياشلىرىنىڭ ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كېلىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىشىنى، ئارزۇ تىكلىشىنى، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلار چىن دىل بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، قېرىنداشلىرىنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلىشى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىشىنى جۇڭگولۇقلار قارار قىلىشى كېرەك. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەرقانداق سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشى ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئورۇنلۇق مەنپەئىتىگە، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ تەيۋەندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ روناق تېپىشى، مۇقىم بولۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  ۋاڭ ياڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ قىلغان مۇھىم سۆزدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە»نى ئېلان قىلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلدى، بىزنىڭ مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور سىياسەت تەشەببۇسىمىز ئومۇميۈزلۈك شەرھلەندى. سۆزدە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشى چوڭقۇر، ئوچۇق جاكارلانغان، مىللەتنىڭ گۈللىنىش يېڭى مۇساپىسىدە ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قانداق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى دەۋر سوئالىغا ئىلمىي جاۋاب بېرىلگەن بولۇپ، مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  خاتىرىلەش يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ۋاڭ چېن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1-شۇجىسى خۇاڭ شياۋۋېي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ جيېيى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

  بىر قىسىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ھەم تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تەيۋەنگە چېتىلىدىغان مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەرساھە ئامما ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، تەخمىنەن 600دەك كىشى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى