تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«باغرىڭغا ياقىمەن باغرىمنى مەڭگۈ»

تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ۋەتەنگە چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى −

  2019 - يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق مېيمېي مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە «بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتايلى» تېز كۆرۈنمە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنگە بەخت تىلىدى، يېڭى يىلنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

(مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 2019 - يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، تارىخنىڭ يېڭى بىر بېتى ئېچىلدى. ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكى ئۈرۈمچىدە، تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرى «مەن ۋە ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى تەڭ ئېيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان ۋەتىنىمىزدە كۈندىن - كۈنگە بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مەدھىيەلەپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

  «مەن ۋەتىنىمدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايمەن. مەيلى قەيەرگىلا باراي، ۋەتەننى مەدھىيەلەيمەن...» يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى، چوڭ قىزىل پانۇسلار، جۇڭگو تۈگۈچلىرى بىلەن ئۈرۈمچى بايراملىق قۇتلۇق يېڭى تۈسكە كىرگەنىدى. سائەت ئىسترېلكىسى 12 نى كۆرسەتكەندە، ئۈرۈمچىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولغان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدا، مەركىزىي شەھەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دوستلۇق «مېيمېي مال سېتىۋېلىش مەركىزى»دە، 16 دۆلەت، 25 خەلقئارا (رايون) شەھەر، دۆلەت ئىچىدىكى 79 شەھەر بىلەن ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى يولغا قويغان ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتىدا، ھەر مىللەت ئامما، گۈزەل شىنجاڭنىڭ چوڭقۇر جەلپ قىلىشى بىلەن، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە ئايروپىلان مۇلازىملىرى بولۇپ ئونمىڭدىن ئارتۇق كىشى تېز كۆرۈنمە شەكلىدە «مەن ۋە ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى تەڭ ئېيتىپ، ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى، يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشۋىقات - تەربىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جۇ گۈەنخۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز  ___ پۈتۈن شەھەردە بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىمىز»دىن ئىبارەت يۇقىرىقى ئاساسلىق تېز كۆرۈنمە پائالىيەت نۇقتىسىدىن باشقا، ئالدىنقى مەزگىلدە يەنە گۇاڭچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ۋە ئۈرۈمچى مىچۈەن- دۇڭسەن رايونى تېچاڭگۇ بازىرى، داۋانچىڭ رايونى بۈركۈت ئۇسسۇلى مەيدانىدا ئالاقىدار پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى.

  جۇ گۈەنخۇا مۇنداق دېدى: بىز شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى، شەھەر ئاساسلىق غول يولى، قاتناش تۈگۈنى قاتارلىق كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنلارغا دۆلەت بايرىقى، پانۇس، جۇڭگو تۈگۈچى قاتارلىق بايراملىق زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېسىپ، كېچە مەنزىرىسىنى يورۇتتۇق، مەنزىرە بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائالىيەت ئۈچۈن خۇشال بايراملىق كەيپىيات ياراتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چالغۇ، مۇزىكىلارنى ئۈنگە ئېلىشقا قايتا تەشكىللەپ، «مەن ۋە ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى سۈرەتكە ئالدۇق. تېز كۆرۈنمە پائالىيىتىنىڭ داغدۇغىسى پۈتۈن شەھەردىكى سودا سارىيى، تاللا بازىرى، مېھمانساراي، يول بويىدىكى دۇكان قاتارلىق سورۇنلاردا تەكرار كۆرسىتىلىدۇ.

  «ۋەتىنىم بىلەن مەن دېڭىز بىلەن بۇژغۇن مىسالى، دولقۇن دېڭىزنىڭ سەبىي بالىسى، دېڭىز شۇ دولقۇننىڭ تىرەك - ئاساسى...» يېقىملىق ناخشا ساداسى كۆپلىگەن ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. تېز كۆرۈنمە پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ئاشۇ تونۇش ناخشا ساداسى قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭرىدى، ئالدىراش قەدەملەر توختىدى، ناخشا ئېيتقۇچىلار قوشۇنى بارغانسېرى زورايدى. كىشىلەر يان تېلېفون، فوتو ئاپپارات بىلەن بەس- بەستە بۇ ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلگەن ياشانغانلار كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈشتى، بالىلارنىڭ ناخشىسى سەمىمىيلىككە، ئۈمىدكە تولغانىدى، ياشلارنىڭ جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ ئاۋازىدىن كىشىلەر خۇددى سەھەر سائەت 8، 9 لاردىكى قۇياشنى كۆرگەندەك بولدى.

  بۇ دەقىقىدە، تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرى قەلبىدىكى ناخشىنى ئورتاق ئېيتتى: ئەڭ سۆيۈملۈك ۋەتىنىم، باغرىڭغا ياقىمەن باغرىمنى مەڭگۈ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى