تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كۇبا رەھبەرلىرىگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  كۇبا ئىنقىلابى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

  شى جىنپىڭ كۇبا رەھبەرلىرىگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  لى كېچياڭ رەئىس دىئاز كانېرغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى. 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۇبا ئىنقىلابى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى رائۇل كاسترۇ، كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىئاز كانېرغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ 1- شۇجى رائۇلغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 60 يىلدىن بۇيان، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۇبا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جاپالىق كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ۋە تەبرىكلەيدۇ. جۇڭگو - كۇبا ئىككى پارتىيەسى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىز ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى قېرىنداش بولدۇق. مەن جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىللە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق داغدام ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ رەئىس دىئاز كانېرغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خەلقى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى يەنىمۇ يېڭىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا، كۇبانىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىشقا ئاشىدۇ. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن ئىلگىرى، سىز جۇڭگوغا كېلىپ تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز. بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق پىلانلىدۇق. مەن سىز بىلەن بىللە تىرىشىپ، جۇڭگو- كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ رەئىس دىئاز كانېرغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى كۈندە، كۇبانىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئىشلىرى كۈنسايىن يۈكسەلمەكتە، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالغۇسى. جۇڭگو- كۇبا بىر - بىرىنى چۈشىنىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو- كۇبا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇردى. جۇڭگو- كۇبا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.