تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن

  فۇكاڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لەن چۈنتىڭ

  مەن بىر ئاددىي خۇيزۇ ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، ئاتا- ئانام ئەمگەكچان، ئاددىي- ساددا دېھقان، گەرچە چوڭ داۋلىلارنى سۆزلىيەلمىسىمۇ، بىراق كىچىكىمدىن تارتىپلا مېنىڭ بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ماھارەت ئىگىلەپ، چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىمنى تەلەپ قىلاتتى، مەن فۇكاڭدا تۇغۇلۇپ، فۇكاڭدا ئوقۇدۇم، ئۆسۈپ يېتىلدىم، خىزمەت قىلدىم، كۆپ ئىش ئورنىدا قەدەممۇقەدەم تاۋلىنىپ، پىشىپ يېتىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم. مېنىڭ ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچۇم پارتىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تەربىيەلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىدىن چوڭقۇر نەپكە ئېرىشتىم، شۇنداقلا يۇرتۇمدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردۈم ۋە ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بولدۇم.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىزچىل ھالدا ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يۈكسەك دەرىجىدە سىياسىيدا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيەدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيەدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىياتتا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسىمنى چىڭىتىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قەيسەر ئىرادەمنى كوممۇنىستلارنىڭ غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، قەتئىي بىپەرۋالىق قىلمايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن.

  سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، چۈشىنىش ئىقتىدارىمنى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن. باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەشۋىق قىلىش ۋە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ياخشى تەشۋىقاتچى بولۇشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئومۇملۇققا ئاڭلىق سىڭىشىشكە، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىشقا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەيمەن. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە جەڭ قىلىمەن، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايمەن.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەرخىل سۇپىلارنى ياخشى قۇرۇپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەشۋىق- تەربىيە، يېتەكلەشنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ، چۈشەنچە بېرىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقى ۋە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى جايىدا تەشۋىق قىلىپ، قەلبىم، مېھرىم، كۈچۈم ئارقىلىق ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ كۆيۈنۈشى، ئىللىقلىقىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزىمەن. ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى ۋە كۈچلۈك تەدبىرىگە تايىنىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»تىكى تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى كەم- كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن، ئاممىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى