تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە بىلەن باش نىشاننىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى ئالغا سىلجىتىمەن

  تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن بەكرى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، دانا تەدبىر بەلگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇ باش نىشانىنى بېكىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشاننىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي تۈرتكە بولۇپ، بىر يۈرۈش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، كۈچلۈك داغدۇغا پەيدا قىلدى، كۈچلۈك چۆچۈتۈش ھەيۋىسى پەيدا قىلدى، مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىقنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. ھالبۇكى، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، بۇ بىر مەيدان ھەققانىيلىق بىلەن رەزىللىكنىڭ كۈچ سىنىشىشى، ھاياتلىق بىلەن ماماتلىقنىڭ سىنىقىدا، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن ھالدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن بوشاشماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى ئالغا سىلجىتىمەن، كومپارتىيە ئەزالىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پارتىيە ۋە خەلققە مۇتلەق سادىقلىقىمنى ئىپادىلەيمەن.

  باشلامچىلىق بىلەن يادرونى قوغداپ، تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن- ئاخىر سىياسىي ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، يادرونى قوغداپ، يادروغا بويسۇنۇپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولىمەن. باشتىن- ئاخىر باش نىشان ئارقىلىق خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قوغداشنى تۇتۇشتا، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

  باشلامچىلىق بىلەن باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە تېخىمۇ جان پىدالىق بىلەن ئاتلىنىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭگاھ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن- ئاخىر سىياسىيدا سەگەك بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تارنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، يۈكسەك ھوشيار بولغان جەڭگە ئاتلىنىش ھالىتىنى ساقلاپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، بايراقدار بولۇپ، قەتئىي ھالدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىپ، قەتئىي ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش ۋە تارقىلىش، سىڭىپ كىرىش تۇپرىقىنى پاكىز تازىلاپ، ھەرگىز «ئۈچ خىل كۈچ»كە ھېچقانداق پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەيمەن. يېزا- كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ تېپىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، قەتئىي ھالدا مۇقىملىقتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى يوقىتىمەن. تېخىمۇ ئاڭلىق، تەشەببۇسكار ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تارىخنى ئاساس، پاكىتنى مىزان قىلىپ، تىغمۇتىغ ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ يالغان سەپسەتىلىرىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، رەددىيە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلارنى ھەقىقىي ئېنىق پەرق ئېتىش، ئۇلارنى ئېنىق تونۇش، ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

  باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، تېخىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەي ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمەن. مەن تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. بىز جۇڭگو تارىخىنى، شىنجاڭ تارىخىنى ئېنىق، ئەتراپلىق سۆزلەپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تەشەببۇس قىلىشىمىز؛ بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت داۋلىنى ئېنىق، ئەتراپلىق سۆزلەپ، قەتئىي ھالدا باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىشىمىز، راۋاجلاندۇرۇشىمىز؛ بىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى ئېنىق، ئەتراپلىق سۆزلەپ، تىرىشىپ دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز؛ بىز مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

  باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن ھالدا شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تازىلايمەن. مەن باشتىن- ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش- تەكشۈرۈشتە تەۋرەنمەسلىكنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرىنىڭ سىياسىتىگە تۆۋەندە قارشى تەدبىر قوللىنىدىغان، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمايدىغان، چەكلىسىمۇ بويسۇنمايدىغان مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، قەتئىي ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى تاللاش، ئۆزگەرتىۋېتىش، تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قەتئىي ھالدا «كادىرلار ئىستىلى ئەمەلىي بولماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ دۈشمەن»نى يىلتىزىدىن تۈزەپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشنى كاپالەت، مەدەت بىلەن تەمىنلەيمەن. كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم جەڭگاھى قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدىكى مەيدان، پوزىتسىيەنى كۆزلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئەمەلىي ئىپادىنى كۆزلەپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جەزمەن تەكشۈرۈشتە، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پەرق ئېتىپ، تازىلاپ چىقىرىپ، قەتئىي ھالدا پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى ئارقىلىق ئۇلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساپلىقى، ئىشەنچلىكلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى