تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۇلۇغ يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى

ـــ يېڭى يىل بېغىشلىمىسى

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

  2018- يىلىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەريانىدا قالتىس جاۋابلارنى بەردى.

  2019- يىلى، يەنىلا ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچتىن مەنىۋى كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  يېڭى ئايمۇ ھامان تولىدۇ، يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشمۇ ھامان تىكلىشىدۇ. توختىماي ئۆركەشلەيدىغان ۋاقىت ئېقىمىدا، 2019- يىلى يەنىلا كېچە- كۈندۈز دېمەي، توختىماي ئالغا باسىمىز.

  كالېندارنىڭ يېڭى بېتى ئېچىلىپ، يېپيېڭى بىر يىل باشلاندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىدىن ئۆتۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. تارىخ يەنە بىر قېتىم ۋاقىت كوردىناتىنىڭ ئىزىنى قالدۇردى.

  2018- يىلىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەريانىدا قالتىس جاۋابلارنى بەردى. بىز خەلق سارىيىدا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەرگەندىكى تەنتەنىلىك ۋەدىنى ئۇنتۇيالمايمىز، پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدىكى غەيرەتنى ئاشۇرىدىغان جاراڭلىق سۆزلەرنى ئۇنتۇيالمايمىز، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى ئۈچ جاينى تۇتاشتۇرغانلىقىنىڭ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالغانلىقىنى ئۇنتۇيالمايمىز، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە تۈمەنلىگەن سودىگەرنىڭ جەم بولۇپ كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغانلىقىنى ئۇنتۇيالمايمىز، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىكى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ئۇنتۇيالمايمىز... ۋاقىتقا ئويۇلغان بۇ كۆرۈنۈشلەر چوقۇم كەلگۈسىدە كىشىلەرنى تارىخنى ئەسلىگەندە، بۇ مۇھىم بىر يىلنى ئېسىدە تۇتىدىغان قىلىدۇ.

  بۇ بىر يىلدا، بىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلىدۇق، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش نىشانى بىرقەدەر ياخشى تاماملاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك بولدى؛ بىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى؛ بىز دۇنيانى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى... باشقا ئىش كەلمىگۈچە، جاپانى بىلگىلى بولماس. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. تارىخ يارىتىدىغان تولۇپ تاشقان ئۇلۇغۋار غايە ۋە يۈكسەك ئىرادە بىلەن، بىز يېڭى مۇساپىدە يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتتۇق.

  ۋاقىت توختاپ قالمايدۇ، قەدەممۇ توختاپ قالمايدۇ. ئالتە يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، 40 يىللىق ئىسلاھات توختاپ قالمىدى، 70 يىللىق داستاننى ئۈزۈلدۈرمەي ئېيتتۇق، يېڭى دەۋر ئېچىشتىن يېڭى دەۋرگە ھالقىشقىچە، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇشتىن يېڭى دەۋرگە كىرىشكىچە، بىز يەنە بىر يېڭى ۋاقىت تۈگۈنىگە كەلدۇق. 2019- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، «ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچ ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەممىدىن مۇھىم». بۈگۈنكى جۇڭگو يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتۈۋالماقتا، شۇنداقلا دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا، بۇ يەنىلا بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز، ئەقىل- پاراسىتىمىز، جاسارىتىمىزگە تايىنىپ، ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچتىن مەنىۋى كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىشىمىزغا موھتاج.

  بىز ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ھەقىقەت بىلەن ئادالەتنىڭ كۈچىنى ئۇرغۇتايلى. «ھەم نامرات، ھەم قالاق» ھالەتتىن قەدەم ئالدۇق، «ۋەيران بولۇش گىردابى»دىن غەيرەتكە كەلدۇق، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ» ئېلىشتۇق، ماركسىزم جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش داغدام يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، بىزنىڭ يەنىلا ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراقنى كۆزلەيدىغان نەزەر بىلەن كەلگۈسى تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ئويلىنىپ، ئىگىلەپ، ماركس، ئېنگېلسلار تەسەۋۋۇرىدىكى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى جۇڭگو زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز جانلىق نامايان قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىمىزنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قايناق ھېسسىياتىمىزنى ئۇرغۇتايلى. «يول دېگەن نېمە؟ يول يول يوق يەردىن مېڭىپ شەكىللەندۈرۈلگەن، چاتقاللار بار يەردىن ئېچىلغان». «يېڭى دەۋر يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش» قىزغىنلىقىغا تايىنىپ، جۇڭگو ئورنىدىن دەس تۇردى؛ «پىداكارلىق بىلەن يول ئېچىش» غەيرەت- شىجائىتىگە تايىنىپ، جۇڭگو بېيىدى؛ «ئىسلاھاتنى توختىتىپ قويماي، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختىتىپ قويماي» كۈرەش قىلىش جەريانىدا، بىز بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدۇق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى، دەل بىز قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ تېپىپ چىقتۇق. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، ۋاقىت ۋە كۈچ بىز تەرەپتە. بۇ يولنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەك، چوقۇم يېڭى سەپەردە يېڭى شان- شەرەپ قۇچالايمىز.

  بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىمىزنى ئۇرغۇتايلى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش... مىللەتنى گۈللەندۈرىدىغان ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى. پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا دولقۇن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ئادەم يېرىم يولغا بارغاندا ئىلگىرىلەش تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. بىزنىڭ يەنىلا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىزغا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىزغا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى بىرىنچى 100 يىللىق نىشانىمىزدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ؛ بىزنىڭ يەنىلا داۋاملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەش يولىدا بىزنىڭ يەنىلا ئارزۇيىمىزنى تۇلپارغا ئايلاندۇرۇپ، قامچا ئوينىتىپ تىرىشىپ ئىلگىرىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

  يېڭى ئايمۇ ھامان تولىدۇ، يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشمۇ ھامان تىكلىشىدۇ، ئەسلىسەڭ دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، ھېس قىلىسەن كىشىلىك تۇرمۇشتا بولۇر كۈرمىڭ ئۆزگىرىش، توختىماي ئۆركەشلەيدىغان ۋاقىت ئېقىمىدا، نەزەر سالساڭ يەتكۈسى مەنزىلگە ئاخىر دېڭىز ئارا دولقۇن يېرىپ، 2019- يىلى يەنىلا كېچە- كۈندۈز دېمەي، توختىماي ئالغا باسىمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، داۋاملىق «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە بۆسۈشكە، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىنى ساقلاپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۇلۇغ يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى