تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى. يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ نەشر قىلىنغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2019- يىللىق 1- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسى، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ماركسىزملىق پەلسەپەدىن ئۈزلۈكسىز ئەقىل- پاراسەت ئوزۇقى قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۇنيا ماددىنىڭ بىرلىكى، ماددا ئاڭنى بەلگىلەيدۇ، دېگەن قائىدىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ سىياسەت تۈزۈش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ شەيئىلەر زىددىيەت ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، دېگەن ئاساسىي قائىدىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، مەسىلە ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا دۇچ كەلگەن زىددىيەتلەرگە ئاكتىپ يۈزلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك؛ دىيالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ تۈپ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى تونۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش قائىدىسىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت بىرىنچى دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى