تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى. 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو- ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بوران- چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە غايەت زور مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگىمۇ مۇھىم تۆھپە قوشتى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ھەمكارلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىر مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا. مەن جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، بىز ئىككىمىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي رىتىم قىلغان جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ترامپ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىق خاتىرە كۈنى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە غايەت زور تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. ھەمكارلىشىدىغان ۋە ئىجابىي بولغان ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەن شەخسەن ئالدىن تاللايدىغان ئىش. بىزنىڭ كۈچلۈك دوستلۇقىمىز ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى بىرقانچە يىلدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىنتايىن ياخشى ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.