تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو ــ رۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

  جۇڭگو ــ رۇسىيە ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ۋە رۇسىيە خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بۇ بىر يىل جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. بىز ئىككى دۆلەت دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم سىياسىي قارالمىلارنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتۇق. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا بىر قاتار مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «يەرلىك ھەمكارلىق- ئالماشتۇرۇش يىلى» پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان دوستانە ئەلرايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا پائال ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2019- يىلى جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. مەن داۋاملىق سىز بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  پۇتىن تەبرىك تېلېگراممىسىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىلىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، بارلىق جۇڭگو خەلقىگە بەخت، ئامانلىق ۋە سالامەتلىك تىلىدى. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018- يىلى، رۇسىيە- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە يەتتى، ئىككى تەرەپ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنلۇق سىياسىي سۆزلىشىشنى قانات يايدۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، «يەرلىك ھەمكارلىق- ئالماشتۇرۇش يىلى»نىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، ئىككى تەرەپ مۇھىم، زور رايون ۋە پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مول نەتىجە- ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇردى. كېلەر يىلى بىز ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەيمىز. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا داۋاملىق ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋمۇ ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىقتىساد- سودا، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، پەن- تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. مېدۋېدېۋ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە تەرەپ ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ 23- قېتىملىق قەرەللىك كۆرۈشۈشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ئىككى تەرەپلىك ھەرقايسى ساھە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.