تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قومۇلدا «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» مىقدارى 130 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى

  شىنجاڭ گېزىتى قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن سەي زېڭلې خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە، قومۇلدا «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» مىقدارى 130 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى، بۇ، 40 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئۆلچەملىك كۆمۈر يەتكۈزگەنگە، 90 مىليون توننىدىن ئارتۇق كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتقانغا باراۋەر.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، قومۇل شەھىرى ئېلېكتىر تورى ئەڭ يۇقىرى ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسىنى 110 كىلوۋولتتىن 800± كىلوۋولتقا يەتكۈزدى، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى 32 مىڭ كىلوۋاتتىن 19 مىليون 657 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكۈزۈپ، يىللىق توك چىقىرىش مىقدارىنى 93 مىليون كىلوۋات سائەتتىن 39 مىليارد 320 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كەسپىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

  جۇڭمېي قومۇل توك چىقىرىش چەكلىك شىركىتى «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ بىرى، نۆۋەتتە شامال ئېلېكتىرى، فوتو ئېلېكتىرى، ئوت ئېلېكتىرىنى بىرلەشتۈرۈپ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 27 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتتى. شىركەت پارتكومىنىڭ شۇجىسى دىڭ فېڭ مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئېيتتى: ئەگەر شامال ئېلېكتىرى ۋە فوتو ئېلېكتىرى يېتەرلىك بولۇپ، مېخانىزم مۇۋاپىق، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئوت ئېلېكتىرى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ كىچىك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى %20 تىن تۆۋەنلەپ، شامالنى تەڭشەش، يورۇقلۇقنى تەڭشەش ۋە بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەش رولىنى ئوينايدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2010- يىلى 11- ئايدا، شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمالنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق 1- لىنىيەنى تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى رەسمىي دۆلەت ئېلېكتىر تورىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ مول ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بايلىقىنى تۇنجى قېتىم سىرتقا يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 2013- يىلى 6- ئايدا، شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمالنىڭ غول تورى تۇتاشتۇرۇلۇپ 750 كىلوۋولتلۇق 2- لىنىيە قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمال غول تورىغا توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 5 مىليون كىلوۋاتقا يەتكەن. 2014- يىلى 1- ئايدا، قومۇلنىڭ جەنۇبى- جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شامال ئېلېكتىرى، فوتو ئېلېكتىرى، ئوت ئېلېكتىرىنى بىرلەشتۈرۈپ سىرتقا يەتكۈزۈش «كۆمۈرنى بوشلۇقتىن يەتكۈزۈش، توكنى پۈتۈن جۇڭگوغا يەتكۈزۈش»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

  «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، قومۇل شەھىرى مۇھىم، زور ئېنېرگىيە تۈرلىرى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى تەدرىجىي نامايان بولدى. نۆۋەتتە قومۇل شەھىرى 100 مىليون توننا دەرىجىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈش بازىسى، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك كۆمۈر ئېلېكتىرى بازىسى، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك شامال ئېلېكتىرى بازىسى، 1 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك فوتو ئېلېكتىرى بازىسى، 1 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يورۇقلۇق- ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە بازىسىنى ئاساس قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسىنى شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى