تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتقا قايتا ئاتلىنىشتىكى مۇھىم نامايەندە

——پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن، ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك تارىخ كارتىنىسىنى پۈتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى كاتتا ئىشلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى. ئەگەر پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر چوڭ پەردىسىنى ئاچتى دېيىلسە، ئۇنداقتا 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنى يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتقا قايتا ئاتلىنىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى، ئۇ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدىكى مۇھىم نامايەندە.

  دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئىسلاھات بىر يېڭى مۇھىم پەيتكە كەلدى. بىر تەرەپتىن، «ئاسان، ھەممە شاد- خۇراملىققا چۆمىدىغان ئىسلاھات تاماملىنىپ، ئىشنىڭ ئاسىنى تۈگەپ، ھەل قىلىش قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقلار قېپقالدى»، ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە ۋە چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسلاھات مەسىلىسىگە پارتىيە ئىچى- سىرتىدىكىلەر، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن پۈتۈن پارتىيەدىكى يۇقىرى- تۆۋەندىكىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ناھايىتى يۇقىرى ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ. دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى جەزمەن داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك»لىكىنى تەكىتلەپ، تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە چارە ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشقا چاقىرىق قىلدى. 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى دەل پارتىيەمىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەنلىكىنىڭ مۇھىم جاكارسى.

  تارىخىي ئەھمىيىتىدىن قارىغاندا، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى يۈكسەكلىككە قەدەم قويغانلىقىنىڭ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى مەنزىلگە كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش»، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانى «بارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت ئاجايىپ جاسارەتنى گەۋدىلەندۈردى. «بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش»، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى قاراش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. 15 ساھە، 336 تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر، ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ چېتىلىدىغان دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھات نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتىدە بىر قاتار يېڭى مۇھىم، زور بۆسۈشلەرنى شەكىللەندۈردى، ئۇ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا مۇھىم، زور تۈرتكىلىك ۋە يېتەكچىلىك رول ئوينىدى ھەم ئويناۋاتىدۇ.

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋاملىشىدۇكى، ئاخىرلاشمايدۇ». يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن؛ قىسقا مەزگىللىك نىشان ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى يىراقنى كۆزلەش ئۈچۈن؛ دەۋرنىڭ تەلىپىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى تارىخىي مەسئۇلىيەت. بەش يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى (كومىتېتى) قۇرۇپ، ئۇنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل قىلىپ، مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن ئىسلاھات رەھبەرلىك مېخانىزمى، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان بىرتۇتاش پىلانلاش، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان ماس ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمى، مەسئۇلىيەت، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى. بەش يىلدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا شامالغا قارشى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، دادىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، 336 تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرى ئىچىدە تۈزۈپ يولغا قويۇلغان لايىھە %95 تىن ئاشتى، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ، ھەل قىلىنمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ، ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىش ۋۇجۇدقا چىقىرىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇندى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىمىزنى جاكارلىدۇق.

  18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. دۇنيا تارىخىغا نەزەر تاشلىساق، ھەقىقىي قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى تۈزۈم مەدەنىيلىكىنىڭ تاكامۇللاشتۇرغۇچىسىدۇر. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئاساس قىلىشتىن ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، تاشقى ئىشلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- رېۋىزىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق پۈتۈن بىر يۈرۈش مۇھىم، زور ئىسلاھاتلار پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، بىز «تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىپ»، نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدۇق، نۇرغۇن جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاساسنى پۇختىلاش، ئاساسىي رامكا تۇرغۇزۇشنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئاساسەن ئورۇندىدۇق، ئاساسىي قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئاساسىي گەۋدە رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزۇلدى. 1992- يىلى يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «ئېھتىمال يەنە 30 يىل ۋاقىتتا، بىز ئاندىن ھەرقايسى جەھەتلەردە پۈتۈن بىر يۈرۈش تېخىمۇ پىشقان، تېخىمۇ تۇراقلاشقان تۈزۈم شەكىللەندۈرەلىشىمىز مۇمكىن». ھازىردىن قارىغاندا، 2020- يىلىغا بارغاندا «سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەر تېخىمۇ پىشىپ، تېخىمۇ تۇراقلىشىدۇ»، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئىسلاھات نىشانىدىكى نۇرغۇن مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش. «ئىسلاھات مەسىلىنىڭ مەجبۇرلىشىدىن بارلىققا كەلگەن، شۇنداقلا مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش داۋامىدا چوڭقۇرلىشىدۇ» «ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، پۇقرالار تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتىلار ئارىسىدىن ئىسلاھاتنىڭ كىرىش نۇقتىسىنى ئىزدەشكە ماھىر بولۇش» «ئىسلاھاتنى ئامما ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان ساھەلەردىن باشلاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن باشلاش كېرەك»...... ئۆتكەن بەش يىلدا، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەدەت بولدى، پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تىجارەت- سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ قوزغىتىلدى، كۈنىگە ئوتتۇرىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار بەش يىل بۇرۇنقى كۈنىگە 6900 دىن بۇ يىلقى 18 مىڭ 400 گە كۆپەيدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، شەھەر، يېزىلاردا كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش يولغا قويۇلدى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلدى، «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلدى، يېزىلارنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى زورايتىلدى، «بىر ئىمتىھان بىلەن تەقدىرىنى بەلگىلەش» بۇزۇپ تاشلاندى، دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمى بىكار قىلىندى، زور ناھەق، ساختا، خاتا دېلولار تۈزىتىلدى...... ئەلگە قولايلىق، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەلگە پايدىلىق تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر پۇقرالارغا ھەقىقىي پايدىنى ھېس قىلدۇردى.

  ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ چېكى يوق، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ چېكى يوق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چېكى يوق. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۇلۇغ ئارزۇغا ساقلاپ تۇرۇپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ، شوئار توۋلاپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بەلكى ئېلىشىش ئارقىلىق، ئىشلەش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ» «ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتە كۈرمىڭلىغان تاغ- دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، لېكىن يەنە تاغ- داۋانلاردىن ئېشىشىمىزغا، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ». يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتقا قايتا ئاتلىنىشتىكى مۇھىم نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق نامايان قىلىندى ھەم نامايان قىلىنىدۇ. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش»، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ نىشانى ئورۇندالغان كۈنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەمەلگە ئاشقان كۈن، شۇ چاغقا بارغاندا، جۇڭگونىڭ قىياپىتىدە چوقۇم يېڭى تارىخىي ئۆزگىرىش بولىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى جەزمەن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالىنى نامايان قىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.