تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

  چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى، نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى

  12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن مەركىزىدە يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى ھەم ئويۇن كۆردى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن مەركىزىدە يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2019-يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن چاي سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، بىرىنچى سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىر ئىختىساسلىقلار ھەمدە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى يولداشلارغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان بارلىق دوستلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە يېڭى يىللىق بەخت تىلىدى!

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: 2018-يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلاپ رولچى بولغانلىقىدىن بولغان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى نۇرىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن بولغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىدىن بولغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلقنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولغان، شۇنداقلا بۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ھەمدە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنى كەڭ كادىرلار، ئامما، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ياراتقان.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئورگىنىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەمىمىي كېڭىشىپ، ئەمەلىي كېڭىشىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىپ، ھەقىقىي چارە، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، ئىتتىپاق-دېموكراتىك، ئەمەلىيەتچىل-ئالغا ئىلگىرىلىگەن، جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلغان يېڭى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ يارىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى بىر يىلدا بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بۈيۈك بىرلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەتنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم بىر يىل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چېن چى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەمەتجان داۋۇت ئايرىم-ئايرىم ھالدا دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىغا ۋاكالىتەن چاي سۆھبىتىدە سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى قىسمەن مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىل زاتلار، ھەرقايسى سەپتىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار قاتارلىقلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

  چاي سۆھبىتىدە، ھەر مىللەت ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى