تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى 

لى كېچياڭ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار دۇڭ جۈن، يۈ ۋېنجىڭ). مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنى ھەمدە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جايلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى خۇلاسىلەندى، ئالماشتۇرۇلدى، 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى ئىككى يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى جەزمەن تاماملاشتىكى قاتتىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى، 2019-يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2018-يىلى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاشلىقتىن يەنە ياخشى ھوسۇل ئېلىندى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى. 2019-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىدىكى ئاچقۇچلۇق يىل، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا جەزمەن تاماملاشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپىلەرگە توغرىلىنىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا قويغان يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، يېزا-كەنتلەرنى پىلانلاش-قۇرۇش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىلارنى سۆيىدىغان، دېھقانلارغا رىشتە باغلىغان يېزا خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى قەدەم تاشلاش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېلەر يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوغداپ ۋە قوزغاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەلا سۈپەتلىك، خاس، يېشىل بولۇش قاتارلىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزىلارغا قايتىپ، يېزىلارغا چۈشۈپ ئىگىلىك تىكلىشى، يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىپ، يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى(مۇزاكىرە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018-يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى، يېزا ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، يېزا جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى. 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى ئىككى يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىل. ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىۋاتقان، تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، جەزمەن نۆۋەتتىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت يۆنىلىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»دىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي گەۋدىنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى تۈرلۈك قاتتىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا يېزا ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەر توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى، «ئىككىدە غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنى ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلار، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «پارنىك ئۆي» مەسىلىسىنى ئېنىقلاش، تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئافرىقا چوشقىسى ۋاباسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ناچار ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تۈزەش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، تەرتىپلىك ياخشى ئىدارە قىلىنىدىغان يېزا-كەنت بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» كادىرلىرى قوشۇنىنى ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەبلەغ سېلىنمىسى سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نى مالىيەدە ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ساھە ۋە پۇل مۇئامىلىدە ئالدىن مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ساھە قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرلەرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، تەرتىپلىك، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، مادارىغا قاراپ ئىش قىلىپ، ئىشنى پۇختا، سالماق قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئۇرغۇتۇش ۋە قوزغاش كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.