تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يولداش شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  بۇ مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىدا 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە يولداش شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ئىسلاھات توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ» دېگەن قىسمى مۇقەددىمە قىلىنغان، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يولداش شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆز»ى خاتىمە قىلىنغان، ئەسەرلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش بايان قىلىنغان مۇھىم ئەسىرىدىن 72 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 310 مىڭ خەت. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ئەسەرلەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قىيىن، مۇرەككەپ ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، مۇھىم، زور تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەپ ئاشۇردى، ئىسلاھاتتا ئومۇميۈزلۈك كۈچ سەرپ قىلىنىپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، تېز، پۇختا قەدەم ئېلىندى، ئىسلاھات چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاساسلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسەن تۇرغۇزۇلدى، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە قوزغىتىلدى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ يېڭى دەۋر، يېڭى پەللىدە داۋاملىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش، زامانغا لايىق كەلمەيدىغان بارلىق ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىش، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ پايدىلىق نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىش، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.